باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تۆمۈر يول تارماقلىرى «مەنزىلنى ئۆزگەرتىش» مۇلازىمىتىنى يولغا قويدى

2015.06.08 16:58         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا تورى، بېيجىڭ، 7-ئىيۇن تېلېگراممىسى. مۇخبىرنىڭ 7-ئىيۇن جۇڭگو تۆمۈر يول باش شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، يولۇچىلارنىڭ بېلەتتىكى مەنزىلنى ئۆزگەرتىش تەلىپىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، تۆمۈر يول تارماقلىرى 10-ئىيۇندىن باشلاپ، «مەنزىلنى ئۆزگەرتىش» مۇلازىمەت تەدبىرىنى يولغا قويىدىكەن، يولۇچىلار بېلەت سېتىۋالغاندىن كېيىن، ناۋادا بارماقچى مەنزىلنى ئۆزگەرتىپ، باشقا جايغا بارماقچى بولسا، پويىز بېلىتىنىڭ ئالدىن سېتىلىش مۆھلىتى ئىچىدە ياكى پويىز قوزغىلىشتىن 48 سائەت بۇرۇن پويىز ئىستانىسىنىڭ بېلەت سېتىش كۆزنىكىگە بېرىپ ياكى 12306 تور بېكىتىگە كىرىپ بېلەتتىكى مەنزىلنى ئۆزگەرتسە بولىدىكەن، بۇنىڭدا ئەسلىدىكى پويىز بېلىتىنى قايتۇرۇش ياكى يېڭى پويىز بېلىتى سېتىۋېلىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق ئىكەن.

  ئەسلىدىكى تۆمۈر يول پويىز بېلىتىنى ئۆزگەرتىش قائىدىسىدا يولۇچىلار پويىز بېلىتى سېتىۋالغاندىن كېيىن، پويىزغا چىقىش ۋاقتى، پويىزنىڭ قېتىم سانى، ئورنىنى ئۆزگەرتسە بولاتتى، لېكىن بارماقچى بولغان مەنزىلنى ئۆزگەرتكىلى بولمايتتى، ئەگەر بارماقچى بولغان مەنزىلنى ئۆزگەرتمەكچى بولسا، جەزمەن كونا بېلەتنى قايتۇرۇپ، يېڭى بېلەت سېتىۋېلىشى كېرەكتى.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر