سۈرەتتە: نەق مەيداندىكى كىشىلەر 7-ئىيۇن باش كىيىملىرىنى ئېلىۋېتىپ تەزىيە بىلدۈرمەكتە. خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ جيەنلى ناھىيەسى، «شەرق يۇلتۇزى» ناملىق پاراخوت ئۆرۈلۈپ كۆمتۈرۈلۈپ كېتىش ھادىسىسىنىڭ قۇتقۇزۇش نەق مەيدانىدا 7-ئىيۇن تالاپەتكە ئۇچرىغانلارغا تەزىيە بىلدۈرۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. نەق مەيداندىكى بارلىق كىشىلەر ئۈچ مىنۇت سۈكۈتتە تۇردى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، پاراخوتلار ئۈچ مىنۇت گۈدۈك چالدى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى خاۋ تۇڭچيەن فوتوسى)
يەر-جاھان كۆز ياش قىلدى، كىشىلەر تەزىيە بىلدۈردى. تۆۋەن گۈدەك ئاۋازى ئىچىدە، «شەرق يۇلتۇزى» ناملىق پاراخوت ئۆرلۈپ كۆمتۈرۈلۈپ كېتىش ھادىسىسىنىڭ قۇتقۇزۇش نەق مەيدانىدا قۇتقۇزۇش خادىملىرى ۋە تالاپەتكە ئۇچرىغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ھادىسىگە ئۇچىرىغان پاراخوتنىڭ ئالدىدا سۈكۈتتە تۇرۇپ تەزىيە بىلدۈردى. بۈگۈن يولۇچىلار تالاپەتكە ئۇچرىغان 7-كۈنى، كىشىلەر تالاپەتكە ئۇچرىغانلار ئۈچۈن ئېچىندى ۋە ئۇلارنىڭ روھىنىڭ ئەمىن تېپىشى، ھايات قالغانلارنىڭ قەيسەر بولۇشىنى تىلىدى، شۇنداقلا ھادىسىنىڭ سەۋەبىنى تەلتۆكۈس ئېنىقلاپ، جامائەت بىخەتەرلىك مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پاجىئەنىڭ مەڭگۈ قايتا يۈز بەرمەسلىكىنى ئۈمىد قىلدى.
چاڭجياڭ دەرياسى بويىدا سىم-سىم يامغۇر ياغدى. تالاپەتكە ئۇچرىغانلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى قەغەز پۇل كۆيدۈرۈپ ياش تۆكتى. بىر قېتىملىق سەپەر مەڭگۈلۈك ۋىدالىشىشقا ئايلاندى، 400 نەچچە كىشى ھاياتىدىن ئايرىلىپ، ئائىلە تاۋابىئاتلىرى مەڭگۈلۈك ئازابتا قالدى.
مەنبە: خەلق تورى