- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
بۇ يىل مەملىكەت بويىچە ئېلان تىجارىتى سوممىسىنىڭ 600 مىليارد يۈەندىن ئېشىشىدىن ئۈمىد باركەن
2015.05.12 14:49 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
يېقىندا شاڭخەي جيادىڭدا ئېچىلغان تۇنجى نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئېلان كەسپى تەرەققىيات ئىتتىپاقى يىغىنىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، بۇ يىل مەملىكەت بويىچە ئېلان تىجارىتى سوممىسىنىڭ 600 مىليارد يۈەندىن ئېشىشىدىن ئۈمىد باركەن.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، «12-بەش يىللىق پىلان» مەزگىلىدە، ئېلىمىزنىڭ ئېلان كەسپى تەرەققىيات ۋەزىيىتى كۈچلۈك بولغان. 2010-يىلدىن 2014-يىلىغىچە بولغان بەش يىل ئىچىدە، مەملىكەت بويىچە ئېلان تىجارەت سوممىسى 230مىليارد يۈەندىن تېز كۆپىيىپ 560مىليارد يۈەنگە يەتكەن. ئېلان تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئورۇن 243مىڭدىن كۆپىيىپ 540مىڭغا،كەسىپ خادىم بىر مىليون 480مىڭدىن كۆپىيىپ 2 مىليون 170مىڭغا يەتكەن.
مۇناسىۋەتلىك كەسپىي خادىم مۇنداق دېدى: ئېلان كەسپىنىڭ سىجىل ئېشىشى-ئېلانچىلىقنىڭ ئىچكى ھاياتىي كۈچى ۋە بازار يوشۇرۇن كۈچىنى كۆرسىتىپ بەردى. دۆلەتنىڭ «خەلق ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش» ئىستراتېگىيەسىگە تۈرتكە بولۇشنىڭ تەسىرىدە ئېلان كەسپىنىڭ ئىستىقبالى پارلاق.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر