باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۇبەيدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان جۇڭگولۇق 200 مىڭدىن ئاشىدىكەن

2015.05.12 14:48         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ 10-ماي بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى نۆۋەتلىك «دۇبەي ھەپتىلىكى» دىن ئىگىلىشىچە، جۇڭگو -ئەرەب ئەللىرى ئىقتىساد-سودا مۇناسىۋىتىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، «بىر بەلباغ بىر يول» ئىستراتېگىيەسى تېز ئەمەلىيلەشكەن، مۆلچەرلىنىشىچە، 2015-يىلى ئېلىمىز بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ئىككى تەرەپلىك سودا سوممىسى 100 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن. دۇبەيدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان جۇڭگولۇق 200 مىڭدىن ئاشىدىكەن. يولۇچى توشۇشتىكى ئاساسلىق يول بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى ئاۋىياتسىيەسىنىڭ بارلىق جۇڭگو لىنىيەسىدىكى يولۇچىلار %80 تىن يۇقىرى ھالەتنى ساقلىماقتا.

  خەلقئارا ئاۋىياتسىيە تىرانسپورتى جەمئىيىتى ئېلان قىلغان دوكلاتقا قارىغاندا، 2017-يىلىغا بارغاندا، ھەريىلى جۇڭگوغا كىرىپ-چىقىدىغان ساياھەتچى 32مىليون 400مىڭ ئادەم قېتىمدىن كۆپىيىپ، ھەر يىلى 111مىليون 500مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتكۈزۈلىدىكەن.

  ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى دۇبەي خەلىپىلىكى- ئېلىمىزنىڭ ئاساسلىق سودا شېرىكى. ئېلىمىز دۇبەينىڭ بىرىنچى چوڭ سودا شېرىكىگە ئايلاندى، ھەر يىلى ئىككى تەرەپلىك سودا سوممىسى 47مىليارد 600مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدۇ. نۇرغۇنلىغان جۇڭگو كارخانىلىرى دۇبەينى ئوتتۇرا شەرق ۋە ئافرىقا كىرىشتىكى بازا قىلدى. دۇبەيدە رويخەتكە ئېلىنغان ئېلىمىز كارخانىسى ئۈچ مىڭدىن ئاشتى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا 200 مىڭدىن ئارتۇق جۇڭگولۇق دۇبەيدە ئولتۇراقلاشقان، بۇ دۇبەي ئاھالىسىنىڭ تەخمىنەن %10نى ئىگىلەيدۇ. خەلق ئاۋىياتسىيەسى ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىلەن جۇڭگونىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىپ بېرىۋاتقان ئىككى تەرەپلىك سودىسىغا مۇلازىمەت قىلىشتا تولدۇرغۇسىز رول ئوينىماقتا.

  

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر