باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«بىر بەلباغ بىر يول» دۆلىتىمىزنىڭ ئالتۇن كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا پۇرسەت ئېلىپ كېلىدۇ

2015.05.12 14:48         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ تۈنۈگۈن جۇڭگو ئالتۇن گۇرۇھى شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ گۇرۇھ رۇسىيە قۇتۇپ ئالتۇن شىركىتى بىلەن ئالتۇن ۋە رەڭلىك مېتال بايلىقىنى ئېچىشقا مۇناسىۋەتلىك ھەمكارلىق رامكا كېلىشىمى ئىمزالىغان. رۇسىيە قۇتۇپ ئالتۇن شىركىتى- رۇسىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئالتۇن ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى شۇنداقلا دۇنيادىكى ئالتۇن ئىشلەپچىقىرىش جەھەتتە ئالدىنقى 10نىڭ ئىچىدە تۇرىدىغان چوڭ تىپتىكى ئالتۇن ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى، ئالتۇن ۋە رەڭلىك كان مەھسۇلاتلىرى بايلىقى مول، ئۇ جۇڭگو ئالتۇن گۇرۇھى شىركىتى بىلەن ئىزچىل يېقىندىن ھەمكارلىشىپ كەلگەن.

  جۇڭگو تەرەپ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بىر بەلباغ بىر يول» دۆلىتىمىزنىڭ ئالتۇن كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا پۇرسەت ئېلىپ كېلىدۇ، ئېلىمىز ئالتۇن كەسپى تېخنىكىسى، جابدۇقى، مەبلىغى، ئىختىساسلىقلار جەھەتتىكى ئۈستۈنلۈكى بىلەن لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ مول ئالتۇن بايلىقى، كەڭ بازار ئىستىقبالى بىلەن بىر-بىرىنى تولۇقلاشچانلىقى كۈچلۈك، ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچى ۋە بوشلۇقى چوڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر