باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتنىشىش نىسبىتى % 95 تىن ئاشتى

2015.05.12 14:46         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن ئىشخانىسى يېقىندا 2015 - يىللىق داۋالاش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى نۇقتىلىق خىزمەت

  ۋەزىپىسىنى ئېلان قىلىپ ئايدىڭلاشتۇردى، بۇ يىل شەھەر - بازار ئاھالىسىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە يېزىلاردىكى يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىشقا قاتناشقانلارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كەلگەن ھۆكۈمەت ياردەم بېرىش ئۆلچىمى 380 يۈەن ئۆستۈرۈلۈپ ، ئۆلكە ئىچىدە باشقا جايدا داۋالىنىش خىراجىتىنى بىۋاسىتە راسچوت قىلىش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ.

  2015 - يىللىق داۋالاش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ نۇقتىلىق خىزمەت ۋەزىپىسى مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: بارلىق ناھىيە دەرىجىلىك ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ ۋە سىناق قىلىنغان شەھەرلەرنىڭ ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرى بارلىق دورىلارغا باھا قوشۇشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، ئۆستۈرۈۋالغان دورا باھاسىنى تۆۋەنلىتىش . دورا، ماتېرىيال، چوڭ تىپتىكى ئۈسكۈنىلەر بىلەن تەكشۈرۈش قاتارلىقلارنىڭ باھاسىنى تۆۋەنلىتىش، تېببىي خادىملارنىڭ ئەمگەك قىممىتىنى گەۋدىلەندۈرىدىغان داۋالاش مۇلازىمەت باھاسىنى ئۆستۈرۈش. قىسمەن رايونلار ياكى ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنى تاللاپ، ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ ئىش ھەققى تۈزۈمى ئىسلاھات سىنىقىنى قانات يايدۇرۇش ، تېببىي خادىملارنىڭ كىرىم قىلىش كۆرسەتكۈچى بەلگىلەپ بېرىشنى قاتتىق مەنئى قىلىش، تېببىي خادىملارنىڭ مائاشى بىلەن دورا، ماتېرىيال ، تېببىي تەكشۈرۈش قاتارلىق كەسپىي كىرىمنى باغلاپ قويۇشقا قويۇلماسلىق.

  بۇ يىل شەھەر - بازار ئاھالىسىنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە يېزىلاردىكى يېڭىچە ھەمكارلىشىپ داۋالىنىش سىياسەت دائىرىسىگە كىرىدىغانلارنىڭ ئامبۇلاتورىيەدە داۋالىنىش خىراجىتىگە قىلىنىدىغان چىقىم نىسبىتى ٪ 50 كە يەتكۈزۈلىدۇ، سىياسەت دائىرىسىگە كىرىدىغانلارنىڭ بالنىستتا يېتىپ داۋالىنىش خىراجىتىگە چىقىم قىلىش نىسبىتى % 75 ئەتراپىدا بولىدۇ. ئۆلكە ئىچىدە باشقا جايدا داۋالىنىش خىراجىتىنى بىۋاسىتە راسچوت قىلىش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ، ئۆلكە ئاتلاپ باشقا جايغا ئورۇنلاشقانلار، پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىش خىراجىتىنى بىۋاسىتە راسچوت قىلىش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

  بۇ يىل ھۆكۈمەت ئىلكىدە بولمىغان داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ كارىۋات سانى ۋە مۇلازىمەت مىقدارى ئومۇمىي مىقدارىنىڭ % 20 ئەتراپىدا بولىدۇ. ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ دوختۇرخانا ئېچىپ تەرەققىي قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىش ئامىللىرى ئېنىقلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر