باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئەمگەكچىلەر شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ھەققىدە توختالدى

2015.05.04 15:49         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەمگەكچان، ئەقىل-پاراسەتلىك جۇڭخۇا مىللەتلىرى نەچچە ئەسىردىن بۇيان تېرىشچان ئەمگىكى بىلەن پارلاق تارىخىي مەدەنىيەت ياراتتى؛ بۈگۈنكى كۈندە، يۈز يىللىق ئىككى كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، مىللەتنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىكى جۇڭگو ئارزۇسى ئالدىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «تارىخ-ئىشچىلار سىنىپى ۋە بارلىق ئەمگەكچىلەرگە ئۇلۇغ ھەم مۈشكۈل مەجبۇرىيەت يۈكلىدى، دەۋر-ئىشچىلار سىنىپى ۋە بارلىق ئەمگەكچىلەرنى سەلتەنەتلىك ھەم يىپيېڭى سەھىپە ئېچىشقا چاقىرماقتا» دېگەن ئۇلۇغۋار شوئارنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى، ئەنخۇي ئۆلكىسى مىڭگۇاڭ ھاراقچىلىق چەكلىك شىركىتى ھاراق ئىشلەش سېخىنىڭ مۇدىرى جاۋ يۈلوڭ ھاراق ئىشلەش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تەسىراتىنى تەسۋىرلەپ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزى-بىز ئىشچىلار سىنىپىنىڭ يۈرەك ساداسىنى ئىپادىلىدى. يۈز يىللىق ئىككى كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭگو ئارزۇسىنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرۈش-مېنىڭ كۈندىلىك خىزمىتىم بولغان ھاراق ئىشلەشكە ئوخشايدۇ، يەنى بىز ئىشچىلارنىڭ بىر تامچە، بىر تامچىدىن تەر ئېقىتىپ ئىشلىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ، ھەر كۈنى ئېچىتقان تامچىلارنى توپلاپ، تېرىشىپ ئىشلىگەن، ئۇسۇلنى يېڭىلاپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلاشقاندىلا، ئاندىن يېڭى دەۋردىكى تەرەققىياتنىڭ ئېسىل شارابىنى ئىشلەپ چىققىلى بولىدۇ.ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ ئەمگەك نەمۇنىچىسى، جىنچياۋ ساياھەتچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ ساياھەت يېتەكچىسى ئاۋپەن 1985-يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغان، ئەمما ئۇنىڭ ساياھەت يېتەكچىسى بولغىنىغا سەككىز يىلدىن ئاشتى. ئۇ مۇنداق دېدى: باش شۇجىنىڭ سۆزى ناھايىتى يېقىشلىق بولۇپ، ماڭا ئەمگەكنىڭ شان-شەرىپىنى تېخىمۇ ھېس قىلدۇردى. ساياھەت يېتەكچىلىكى ناھايىتى جاپالىق، ئەمما شادىمان خىزمەت، چۈنكى مەن ئۆزۈمنىڭ ئىقتىدارى ھەم قان-تەرى بىلەن تۇرمۇشۇمنى ئۆزگەرتىپ، يېڭى تۇرمۇش يارىتىپ، تۇرمۇشۇمنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈردۈم. مەملىكەتلىك ئەمگەك نەمۇنىچىسى، چۇڭچىڭ شەھىرى ۋۇلوڭ ناھىيەسى خوڭلى باقمىچىلىق فېرمىسىنىڭ باش دىرېكتورى لى جىخوڭ مۇنداق دېدى: مېنىڭچە ئەمگەك نەمۇنىچىلىرىنىڭ قىممىتى ئەمگەك قىلىشتا، مەن بۇنى كىشىلىك ھاياتنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، ھەقىقىي تېرىشىپ ئىشلەپ، باقمىچىلىق فېرمىسىدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش قارىشىدا چىڭ تۇرۇشقا يېتەكلەپ، باش بولۇپ ھاللىق سەۋىيەگە يۈرۈش قىلىدىغان، بىرلىكتە ھاللىق سەۋىيەگە يېتىدىغان يېڭى يول ئۈستىدە تېرىشىپ ئىزدىنىمەن. مەملىكەتلىك ئەمگەك ئەمگەك نەمۇنىچىسى، گەنسۇ 7-قۇرۇلۇش گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتى ئەمگەك ئەترىتىنىڭ باشلىقى كاڭ رېنزەي باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: ئەمگەكچىلەر بىلىم ۋە ئىقتىدارنى قانچە جۇغلىغانسېرى، ئىجادىيەت ئىقتىدارى شۇنچە ئۆسىدۇ، بۇ-ئەمگەك نەمۇنىچىلىرىدىن ئۆزىدىن تۇتۇش قىلىپ، ئۈلگە بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ، مۇشۇنداق قىلغاندىلا، ئاندىن تېخىمۇ كۆپ ئەمگەكچىلەرنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشكە يېتەكلەپ، يۇقىرى ساپالىق ئەمگەكچىلەر زور قوشۇنىنى يېتىشتۈرۈپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشقىلى بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر