باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئەمگەكچىلەر بايرىمىنىڭ تۇنجى كۈنى بېيجىڭدا 550 مىڭ كىشىلىك باغ سەيلىسى ئۆتكۈزۈلدى

2015.05.04 09:34         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  1-ماي بايرىمىلىق دەم ئېلىشنىڭ تۇنجى كۈنى بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ھەر قايسى چوڭ باغچىلىرى دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى زور تۈركۈم ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالدى . بېيجىڭ شەھەرلىك باغچا باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ ئۇقتۇرۇشىغا قارىغاندا ، شۇ كۈنى كۈتۈۋالغان ساياھەتچىلەرنىڭ سانى 550 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتكەن ، بۇنىڭ ئىچىدە بېيجىڭ ھايۋاناتلار باغچىسى، تيەنتەن باغچىسى ۋە يىخېيۈەن باغچىسى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىپ، باغ سەيلەسى ساياھەتچىلەر يۇقىرى دولقۇنىنىڭ بالدۇر كېلىشىگە تۈرتكە بولغان.

  ئاممىنىڭ باغ سەيلەسىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ، بايرام مەزگىلىدە ، بېيجىڭ شەھىرىگە قاراشلىق 11 باغچىدىكى ئونمىڭ ئىشچى – خىزمەتچى ئائىلىدىكىلىرى بىلەن جەم بولۇش پۇرسىتىدىن ۋاز كېچىپ ، ، ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ ، ئىش ئورنىدا كۆپلىگەن مەسئۇلىيەتنى ئۆتىدى . ئادەتتىكى كۈنلەردە بىر ئىش ئورنىدا بىر خادىم بولاتتى، بايرام مەزگىلىدە بىر ئىش ئورنىدا ئىككى ياكى ئۈچ كىشىگە كۆپەيتىلىپ، ساياھەتچىلەر يۇقىرى دولقۇنىغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدە چىڭ تۇردى.

  بېيجىڭ شەھەرلىك باغچە باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ تونۇشتۇرۇشىغا قارىغاندا ، باغ سەيلەسىدە ئادەملەرنىڭ توپلىشىش ئەھۋالىنى كۆزدە تۇتۇپ ، نۆۋەتتە بېيخەي باغچىسى خەينەن مەنزىرە رايونى ، يىخېيۈەن باغچىسىدىكى ۋېنچياڭگې قاتارلىق قىزىق نۇقتىلىق مەنزىرە رايونى 36 ماددىلىق ساياھەت تاق لىنىيىسىنى تەسىس قىلغان ، 200 نەچچە بىخەتەر تارقاقلاشتۇرۇش ۋىۋىسكىسىنى يېڭىدىن كۆپەيتكەن. بېلەت سېتىش كۆزنىكىدىن 90 نى كۆپەيتىپ ، ئاممىغا قۇلايلىق يارىتىپ بەرگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر