باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىز تالون قالايمىقانچىلىقىنى قاتتىق تۈزىمەكتە

2015.05.04 09:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك باج ئىشلىرى باش ئىدارىسى يېقىندا بۇ يىلنىڭ 1-پەسلىدە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان سەككىز قېتىملىق قوشۇلما قىممەت بېجى مەخسۇس تالونىنى ساختا كېسىش دېلوسىنى ئۇقتۇردى، بۇنىڭدا ھەر بىر دېلوغا چېتىشلىق باج سوممىسى 14 مىليون يۈەندىن ئاشىدۇ. بىر يۈرۈش باج ئالدامچىلىق چوڭ دېلوسىدىن كۆپ قېتىم چەكلىسىمۇ تۈگىمىگەن ساختا تالونلارغىچە بولغان ئىشلار ئەنئەنىۋى تالون باشقۇرۇشتىكى قىيىن مەسىلە بولۇپ كەلدى. 1-ئاپرېلدىن تارتىپ، پۈتۈن مەملىكەتتە قەدەممۇ-قەدەم يولغا قويۇلغان تور تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ ئۆزگەرتىلگەن ھەم دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن قوشۇلما قىممەت بېجى تالونى يېڭى سىستېمىسى بۇ قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىشقا باشلىدى.

  بۇ يىل 1-يانۋار شاڭخەي، تيەنجىن، شەندۇڭ، خۇبېيدا سىناق قىلىنىش ئاساسىدا، قوشۇلما قىممەت بېجى تالونىنى باشقۇرۇشنىڭ يېڭى سىستېمىسى پۈتۈن مەملىكەتتىكى يېڭىدىن كۆپەيگەن قوشۇلما قىممەت بېجى ئادەتتىكى باج تاپشۇرغۇچىلار ۋە باج ئېلىش چېكىگە يەتكەن كىچىك كۆلەمدىكى باج تاپشۇرغۇچىلار ئارىسىدا قەدەممۇ-قەدەم كېڭەيتىلىشكە باشلىدى. 1-ئاپرېلدىن تارتىپ، سانى غايەت زور بولغان قوشۇلما قىممەت بېجى تاپشۇرىدىغان ئادەتتىكى باج تاپشۇرغۇچىلارمۇ تەدرىجىي ئىسلاھاتقا كىرگۈزۈلۈشكە باشلىدى.

  بۇ-تەسىرى كەڭ بولغان بىر يېڭى سىستېما، ئۇنىڭ كەلگۈسىدىكى بىر چوڭ ئۆزگىرىشى شۇكى، بىرلا سىستېما ئارقىلىق، بارلىق قوشۇلما قىممەت بېجى تالونىنى كەسكىلى بولىدۇ. دۆلەتلىك باج ئىشلىرى باش ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: يېڭى سىستېما-قوشۇلما قىممەت بېجى مەخسۇس تالونى ۋە ئاددىي تالوننى تولۇق قاپلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەخسۇس ئۈسكۈنە سېتىۋېلىش راسخوتىنى باج پۇلىدىن تولۇق سومما بويىچە توغرىلاپ چىقىرىۋەتسە بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ يۈكى ئېغىرلاپ كەتمەيدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر