باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزنىڭ قۇرۇلمىنى تەڭشەش قەدىمى تېزلەشتى

2015.04.27 14:57         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2015-يىلى 1-پەسىلدە، گەرچە ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى %7 بولغان بولسىمۇ، لېكىن خەلق ئىگىلىكى قۇرۇلمىسىدا بۆلۈنۈپ تەڭشىلىش داۋامىدا يەنىلا چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولدى. بولۇپمۇ مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتى تېز بولدى، ئىقتىسادى قۇرۇلمىنى تەڭشەش تىپىنى ئۆزگەرتىش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ھالىتى ئىنتايىن كۆرۈنەرلىك بولدى. سانلىق مەلۇماتتىن ئايان بولۇشىچە، 1- پەسىلدە 3-كەسىپنىڭ كۆپەيمە قىممىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.9ئېشىپ، 2-كەسىپنىڭ %6.4لىك ئېشىش سۈرئىتىدىن يۇقىرى بولغان، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن 0.9 پوئىنتى تېزلەشكەن.

  ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ بېرىش سالمىقى ئۈزلۈكسىز زورايتىلدى، بازارغا كىرىش ئۆلچىمى يەنىمۇ قويۇۋېتىلدى، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تۈزۈلمە ئىسلاھاتى تېزلەشتى، ئىسلاھات ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى، بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتىكى ھەل قىلغۇچ رولى بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ رولىنى تېخىمۇ ئوبدان جارى قىلدۇرۇش بىرلەشتۈرۈلۈپ، ئىقتىسادى ئاساسىي گەۋدىلىرىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئىشەنچىسى ئاشۇرۇلدى، بازارنىڭ ھاياتى كۈچى ناھايىتى زور دەرىجىدە ئۇرغۇتۇلدى، پۈتۈن كەسىپتە ئېغىردىن يىنىككە قاراپ بۇرۇلۇش ياساش ئەھۋالى كۆرۈلدى. ئىنتېرنېت تورى، چوڭ سىپىرلار، بۇلۇت چوت قاتارلىق يېڭى دەۋرىدىكى ئۇچۇر تېخنىكىسى ۋەكىللىكىدىكى ئۇچۇرلاشتۇرۇش سانائەتلەشتۈرۈش، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، شەھەر بازارلاشتۇرۇش بىلەن تېز بېرىكتى، يېڭى كەسىپلەر، يېڭى سودا قېلىپى تېز تەرەققىي قىلدى، يېڭى ئىقتىسادى تەركىپلەر تېز ئاشتى.

  تەرەققىيات يۈزلىنىشىدىن قارىغاندا، يېڭى كەسىپ، يېڭى مەھسۇلاتلار، يېڭى ئاساسىي گەۋدىلەرنىڭ داۋاملىق بارلىققا كېلىشى ۋە ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئەگىشىپ، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسى يەنىمۇ ئۆستى. 3-ئايدا، جۇڭگودا ياسىمىچلىقتىن باشقا سودا پائالىيەتلىرىنىڭ كۆرسەتكۈچى %53.7 بولدى. گەرچە ئالدىنقى ئايدىكىدىن 0.2 پوئىنتى تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ، لېكىن تۆۋەن چەك 3.7 پوئىنتىدىن يۇقىرى بولدى. بۇ ياسىمچىلىقتىن باشقا كەسىپلەرنىڭ يەنىلا مۇقىم بىر قەدەر تېز ئېشىش ۋەزىيىتىنى ساقلىغانلىقىنى كۆرسەتتى. مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسىدىن قارىغاندا، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش تۈرىدىكى تاۋارلارنىڭ سېتىلىشى ئادەتتىكى ئىستېمال بۇيۇملىرىدىن كۆرۈنەرلىك تېز بولدى. ساياھەت مەدەنىيەت قاتارلىق يېڭى كەسىپلەر تېز تەرەققىي قىلدى، ئىنتېرنېت تورىغا ئالاقىدار يېڭى كەسىپلەر داۋاملىق يۇقىرى سۈرئەتتە كېڭەيدى، شۇنداقلا بۇ نۆۋەتتە مۇلازىمەت كەسپى بازىرى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى، بازاردىكى ئىجابىي ئامىللارنىڭ قويۇپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى يەنىمۇ كۆرسىتىپ بەردى. نۆۋەتتە ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتىنىڭ تۆۋەن بولۇش بېسىمى ئۈزلۈكسىز زورايماقتا، ئىقتىسادى ھەرىكەتتىكى قىيىنچىلىقلار يەنىلا كۆپ، بىراق ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىشنىڭ ئىلگىرى سۈرۈلۈشى ۋە ئىقتىسادى قۇرۇلمىنىڭ سەرخىللىشىشىغا ئەگىشىپ، يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچلەر تېز بارلىققا كېلىدۇ، مۇلازىمەت كەسپى جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتىدا تېخىمۇ مۇھىم رول ئوينايدۇ. جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى قۇرۇلمىسىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىشىمۇ ئوتتۇرا يۇقىرى دەرىجىگە قاراپ تېز ئىلگىرىلەيدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر