باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دېھقان - چارۋىچىلارغا نەپ يەتكۈزۈلدى

2015.04.17 11:48         مەنبە: مەركىزى تېلېۋىزىيە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەدلىيە ئىدارىسى يېقىندا ئادوۋكات، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى خادىمى قاتارلىق قانۇن مۇلازىمەتچىلىرىنى شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى ئۇيۇشتۇرغان «ئۈچنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش» پائالىيىتىگە قاتنىشىشقا تەشكىللىدى.

ئەدلىيە ئىدارىسى مىچۈەن - كۆكتاغ رايونى گۇمۇدى بازىرى دۇڭگۇڭ كەنتىدىكى پائالىيەت مەيدانىدا قانۇندىن مەسلىھەت بېرىش سۇپىسى تەسىس قىلىپ، دېھقانلارغا قانۇن تەشۋىقات ۋەرەقى تارقاتتى، قانۇندىن مەسلىھەت بەردى، قانۇن ساۋاتلىرىنى ئۆگەتتى.

ئىگىلىنىشىچە، بەش يىلدىن بۇيان ئەدلىيە ئىدارىسى «ئۈچنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش» پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، ئۈرۈمچى ناھىيەسى، داۋانچىڭ رايونى، مىچۈەن - كۆكتاغ رايونى قاتارلىق جايلاردىكى دېھقان - چارۋىچىلارغا پۇل ۋە ماددىي بۇيۇم بولۇپ 100 مىڭ يۈەندىن كۆپرەك ئىئانە قىلغان، 200 مىڭ پارچە تەشۋىقات ۋەرەقى تارقاتقان، 1500 ئادەم (قېتىم) قانۇندىن مەسلىھەت بەرگەن، 178 قېتىم قانۇن ياردىمى بەرگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر