باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يېڭى ئىستىلنى تەشەببۇس قىلىپ، ناچار ئادەتلەرنى تاشلايلى

2015.04.08 16:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا ئەنخۇي ئۆلكىسى داڭسەن ناھىيە گۈەنجۇاڭبا بازىرى «ئېغىر تويلۇق سېلىشقا بايقۇت قىلىش، ئىقتىسادچىل بولۇش، توي- تۆكۈن، نەزىر- چىراقلارنى ھەشەمەتلىك ئۆتكۈزۈشكە قارشى تۇرۇش» بويىچە مىڭ كىشى ئىمزا قويۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ باشلامچىلىق ئۆرپ ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىپ يېڭى ئىستىل تىكلەپ، ئاممىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى، نۇرغۇن كىشى ئىمزا قويدى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چەت يېزا كەنتلەردە كونا ئۆرپ ئادەتلەر باش كۆتۈرۈپ، قىز-يىگىتلەر توي پۈتۈشۈش تويلۇقى نەچچە ئونمىڭ يۈەن، 100 نەچچە مىڭ يۈەن ھەتتا نەچچە يۈزمىڭ يۈەنگە يىتىپ، توي- تۆكۈن، نەزىر- چىراقلارنى ھەشەمەتلىك ئۆتكۈزۈش، نەچچە ئون ھەتتا يۈزدىن ئارتۇق زىياپەت ئۈستىلى راسلاش ئەۋج ئالغان، پۇقرالارنىڭ يۈكى ئېغىرلاشقان، بۇنىڭغا ھېچكىم باش بولۇپ قارشى چىقمىغان، شۇنىڭ بىلەن شۆھرەتپەرەسلىك، ھەشەمەتچىلىك تېخىمۇ كۈچەيگەن. قالاق ئادەت ۋە مەنپەئەتپەرەسلىك ئەۋج ئالسا، يۇرت ئۆرپ ئادىتى بۇزۇلىدۇ ھەتتا پاجىئە پەيدا قىلىدۇ. گۈەنجۇاڭبا بازىرى بازار، كەنت كادىرلىرىدىن ئىشنى ئۆزىدىن، تاۋابىئاتلىرىدىن باشلاپ، «ئېغىر تويلۇق سالماسلىق»، ھەممە ئىش لايىقىدا بولۇشنى تەلەپ قىلدى.

  سەھرا ئۆرپ ئادەتلىرىنى تەشەببۇس قىلىش كېرەك، ئۆرپ ئادەتلەرنى يىتىلدۈرۈشتە بىر كىشى باشلامچى بولسا، كۆپچىلىك ئەگەشسە، ئۇزاققىچە داۋاملاشسا، ياخشى كەيپىيات شەكىللىنىدۇ، توي تويدەك، نەزىر نەزىردەك بولىدۇ. قالاق ئادەتنى تاشلاش بىلەن يېڭى ئىستىلنى تەشەببۇس قىلىشنىڭ مۇناسىۋىتى «بۇزۇش» بىلەن» تۇرغۇزۇش»نىڭ مۇناسىۋىتى. پارتىيەلىك كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن ئىجتىمائىي ئىستىل بويىچە يېتەكلىگۈچى بولۇپ، ئاممىنى ئىجتىمائىي يېڭى ئىستىلنى يارىتىپ، كەيپىياتنى ياخشىلاشتىن قەتئىي باش تارتماسلىقى كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر