باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خەلق بىلەن مەنپەئەت تالىشىش مەسىلىسى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان

2015.04.07 09:58         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ پارتىيەنىڭ ئاممىۋىي لۇشيەن تەربىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىدىن ئۇقۇشىچە، ئۆتكەن يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان، جايلار ساختىلىق قىلىش، ئاق تالون كېسىش، ساختا ھېسابات قىلىش قاتارلىق ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ شەخسىي مەنپەئەتىنى كۆزلەش، خەلق بىلەن مەنپەئەت تالىشىش مەسىلىسىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان.

  تيەنجىن شەھىرى دېھقان ئىشلەمچىلەر چىقىمىنى مەخسۇس تەكشۈرۈش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، چاغاندىن بۇرۇن دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى ۋاقتىدا بەرمەسلىك مەسىلىسىنى گەۋدىلىك ھەل قىلىپ، 151 ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننى 14 مىڭ 100 كىشىنىڭ مائاشىنى تولۇقلاپ بېرىش ھەمدە 19 مىليون 588 مىڭ 300 تۆلەم بېرىشكە بۇيرۇغان.

  جىلىن ئۆلكىسى دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ مائاشىنى ۋاقتىدا بەرمەسلىك ئەھۋالىنى مەخسۇس تەكشۈرۈپ، چاغاندىن بۇرۇن دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ مائاشىنى ۋاقتىدا بەرمەسلىك دېلولىرىنى ئاساسەن ئاياغلاشتۇرۇپ،ئاممىۋىي خاراكتېرلىك ۋەقەلەرنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلدى.

  شەندۇڭ ئۆلكىسى تۈرلەرنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاپ مەخسۇس تۈرلەرگە يۆتكەپ چىقىم قىلىنىدىغان پۇلنى تەقسىملەش داۋامىدىكى يەڭ ئىچىدە مەشغۇلات قىلىش، ھوقۇقنى ئىجارىگە بېرىش قاتارلىق قىلمىشلارنى نۇقتىلىق رەتكە سېلىپ، 78 مەسىلىگە چېتىشلىق 53 كىشىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان.

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى يەر ئىشلىتىش، كۆچۈرۈش تولۇقلىمىسىنى ئۆلچەم بويىچە ۋاقتىدا يېتەرلىك بەرمەسلىككە چېتىشلىق بىر دېلودىكى بىر كىشىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، تۈرلۈك تولۇقلىما ياردەم پۇلىنى ئىشلىتىۋېلىشكە چېتىلىدىغان 50 مەسىلىدىكى 55 كىشىنى، ئاممىنىڭ پۇلىنى ۋاقتىدا قايتۇرۇپ بەرمەسلىك، ئاق تالون بېرىش، ساختا ھېسابات قىلىش مەسىلىسىگە چېتىلىدىغان 142 مەسىلىدىكى 2161 كىشىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر