باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپلەرگە يېزا ئوقۇغۇچىلىرىنى نۇقتىلىق قوبۇل قىلىشنى تەلەپ قىلدى

2015.04.07 09:58         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا مائارىپ مىنىستىرلىقى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ بۇ يىللىق ئالىي مەكتەپلەرگە يېزا ئۇقۇغۇچىلىرىنى نۇقتىلىق قوبۇل قىلىشقا ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇپ، يېزىلار، نامرات رايونلاردىن نىشانلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش، يېزىلاردىكى ئوقۇغۇچىلارنى ئايرىم قوبۇل قىلىش، يەرلىكتىكى نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەر يېزىلاردىكى ئوقۇغۇچىلارنى مەخسۇس قوبۇل قىلىش پىلانىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، كۆپ خىل تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، يېزىلار ۋە نامرات رايونلاردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەر تەرەپكە يۆتكىلىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇردى.

  مۇخبىرنىڭ ئۇقۇشىچە، ئۇقتۇرۇشتا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى ۋە يولغا قويۇلىدىغان رايونلارنى ئايدىڭلاشتۇرۇش تەلەپ قىلىنغان. 1-، يېزىلاردىكى نامرات رايونلاردىن نىشانلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مەخسۇس پىلانى داۋاملىق يولغا قويۇلىدۇ، 50 مىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ، مەركەزدىكى تارماقلار ئالىي مەكتەپلەر ۋە يەرلىكتىكى 211 قۇرۇلۇشىغا كىرگۈزۈلگەن ئالىي مەكتەپلەر ئاساس قىلىنغان تولۇق كۇرۇسنىڭ 1- تۈركۈمىگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان ئالىي مەكتەپلەر بۇنى ئۈستىگە ئالىدۇ، رايونلار 832 نامرات ناھىيە ھەمدە نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىسبىتى بىر قەدەر تۆۋەن بولغان خېنەن، گەنسۇ قاتارلىق ئون ئۆلكە، ئاپتونوم رايوندا يولغا قويۇلىدۇ. 2-، يېزىلاردىكى ئوقۇغۇچىلارنى ئايرىم قوبۇل قىلىش پىلانى داۋاملىق يولغا قويۇلىدۇ. مائارىپ مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق ئالىي مەكتەپلەر ۋە باشقا مۇستەقىل سىناق تەرىقىسىدە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان ئالىي مەكتەپلەر بۇنى ئۈستىگە ئالىدۇ. ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى ئالىي مەكتەپلەردىكى تولۇق كۇرۇسقا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كۆلىمىنىڭ %2دىن تۆۋەن بولمايدۇ. چەت ياقا، نامرات، مىللىي رايونلاردىكى ناھىيەلەر ھەمدە بۇنىڭدىن تۆۋەن جايلاردىكى مۇنەۋۋەر يېزا ئوقۇغۇچىلىرى قوبۇل قىلىنىدۇ، كونكرېت يولغا قويۇشنى ئالاقىدار ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر بېكىتىدۇ. 3-، يەرلىكتىكى نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەر يېزىلاردىكى ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش مەخسۇس پىلانى داۋاملىق يولغا قويۇلىدۇ. بۇنى ھەرقايسى ئۆلكە،ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردىكى ئۆزىگە قاراشلىق نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەر ئۈستىگە ئالىدۇ. ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى پىرىنسىپ جەھەتتىن ئالاقىدار ئالىي مەكتەپلەردىكى تولۇق كۇرۇستىكى 1-تۈركۈمدىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كۆلىمىنىڭ %3دىن ئاز بولمايدۇ، يولغا قويۇلىدىغان رايون، ئىمتىھانغا تىزىملىتىش شەرتى ۋە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش چارىسىنى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر بېكىتىدۇ.

  ئوقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: سالاھىيەتنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش كۈچەيتىلىدۇ. جايلار مائارىپ، جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتارلىق نۇرغۇن تارماقلار بىلەن بىرلىكتە نوپۇسنى تەكشۈرۈش، ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەۋەلىكىنى تەكشۈرۈش خىزمەت مېخانىزمى ئورنىتىپ، سالاھىيەتتە ساختىلىق قىلىشنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

  ئالىي مەكتەپلەر ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر مۇلازىمەتتە يېڭىلىق يارىتىش تەدبىرىنى قوللىنىپ، ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوڭۇشلۇق تىزىملىتىشى، ئۇلارنىڭ ماتېرىيالىنى تەكشۈرۈشكە قولايلىق يارىتىپ بېرىشى ۋە ياردەم بېرىشى كېرەك. ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مەخسۇس پىلانىدىكى تىزىملىتىش ئىلتىماس قىلىش ئىشلىرى قۇياش نۇرى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى سەھنىسىدە ئېلىپ بېرىلىشى لازىم. تىزىملىتىش ۋاقتى 15-ئاپرېلدىن 5-مايغىچە بولىدۇ. ئۇچۇرنىڭ ئاشكارىلىقى ۋە بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتى كۈچەيتىلىدۇ. بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرى قانۇن بويىچە قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر