باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

چوكانتال بايرىمىنىڭ تۇنجى كۈنى تۆمۈر يولدا قاتنىغان يولۇچى 10 مىليون 466 مىڭ ئادەم قېتىمغا يەتتى

2015.04.07 09:57         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ جۇڭگو تۆمۈر يول باش شىركىتىدىن ئىگەللىشىچە، چوكانتال بايرىمىنىڭ تۇنجى كۈنى، مەملىكەت بويىچە تۆمۈر يوللاردا قاتنىغان يولۇچى 10 مىليون 466 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 1 مىليون 86 مىڭ ئادەم قېتىم يەنى %11.6 ئاشقان، قاتناش بىخەتەرلىك تەرتىپى رەتلىك بولغان، نۇرۇغن جايلاردىكى تۆمۈر يول تارماقلىرى چوكانتال بايرىمىدا يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىش ئالاھىدىلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، بىرقاتار مۇلازىمەت تەدبىرلىرىنى چىقارغان، نەننىڭ تۆمۈر يول ئىدارىسى گۇاڭجۇنىڭ جەنۇبىدىن نەننىڭنىڭ شەرقىغىچە بولغان يۇرتىغا قايتىپ تاۋاب قىلش مەخسۇس پويىزىدىن 18 نى كۆپەيتتى، چېڭدۇ تۆمۈر ئىدارىسى چاقماق پويىزلارنى كۆپەيتىش، ئادەتتىكى تېز پويىزلارنى كۆپەيتىش، كارۋاتلىق پويىزلارنى ئورۇندۇقلۇققا ئۆزگەرتىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، يولۇچىلارنىڭ سەپەرگە چىقىش تەلىپىنى قاندۇردى، تۆمۈر يول تارماقلىرى تور ياكى تېلېفون ئارقىلىق بېلەت زاكاس قىلغان يولۇچىلارنى بالدۇرراق يېقىن ئەتراپتا بېلەتكە ئالماشتۇرۇپ، بېلىتى ۋە بېلەت ئۇچۇرى بىلەن بىردەك ئىناۋەتلىك كىملىكىنى ئېلىپ، بالدۇرراق ۋوگزالغا بېرىپ رەسمىيەت ئۆتەش، كېىچىكىپ قالماسلىقنى تەۋسىيە قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر