- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


دەپنە خىراجىتى يەنە بىر قېتىم دىققەت نۇقتىسىغا ئايلاندى
2015.04.07 09:53 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
چوكانتال بايرىمى مەزگىلىدە، دەپنە خىراجىتى يەنە بىر قېتىم دىققەت نۇقتىسىغا ئايلاندى. بىر قىسىم جايلاردا قەبرە ئورنى قىممەت بولۇپ، دەپنە مۇلازىمىتىدە زومىگەرلىك بىلەن ھەق يىغىدىغان ئىشلار پەيدا بولدى.
ئېلىمىزدە، دەپنە مۇلازىمىتى-ئاساسىي دەپنە مۇلازىمىتى ۋە تاللىما دەپنە مۇلازىمىتىدىن ئىبارەت ئىككى خىل بولىدۇ. ئالدىنقىسىغا ھۆكۈمەتنىڭ مال باھا تارماقلىرى باھا بېكىتىدۇ، كېيىنكىسىدە ھۆكۈمەتنىڭ يېتەكچى باھاسى ئاساس قىلىنىدۇ. خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى 101 تەتقىقاتخانىسىنىڭ باشلىقى لى بوسېن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: نۆۋەتتە ئېلىمىزنىڭ دەپنە مۇلازىمىتىدە ھۆكۈمەت باھا بېكىتىش ئەھۋالى كۆرۈنەرلىك پەسكويغا چۈشۈپ قالدى، كۆيدۈرۈش ھەققى يەنىلا ئون نەچچە يىل بۇرۇنقى 200 يۈەن ئەتراپىدا بولۇپ، تەننەرخ يېتىشمەيۋاتىدۇ؛ تاللىما دەپنە مۇلازىمىتىدىكى ھەق يىغىش تەكشى بولماي، بازارنىڭ قانۇنىيىتىنى گەۋدىلەندۈرۈلمىدى. ئۇ جەمئىيەت دەسمايىسىنى دەپنە ئاممىۋى مۇلازىمەت ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا مۇۋاپىق قاتنىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، دەپنە كەسپىنىڭ باھاسىنى شەكىللەندۈرۈش مېخانىزمى ئۈستىدە ئىزدىنىش تەكلىپىنى بەردى.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر