باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭ ئولىمپىك باغچىسى تەنتەربىيە كەسپىنىڭ تەرەققىيات كۆرسەتكۈچى ئېلان قىلىندى

2015.04.02 09:07         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ‹‹بېيجىڭ ئولىمپىك باغچىسىنىڭ تەنتەربىيە كەسپى توغرىسىدىكى ئۇنىۋېرىسال تەرەققىيات دوكلاتى (2013 – يىللىق)›› ھەققىدىكى مۇھاكىمە يىغىنى 25 – مارت بېيجىڭ ئولىمپىك باغچىسى باشقۇرۇش كومىتېتىدا ئۆتكۈزۈلدى، دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسى، بېيجىڭ شەھەرلىك تەنتەربىيە ئىدارىسى، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەيدانلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، شۇنداقلا تەنتەربىيە ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر يىغىنغا قاتناشتى. بېيجىڭ ئولىمپىك باغچىسى بېيجىڭنىڭ تەنتەربىيە كەسپى تەرەققىياتىنىڭ گۈللىنىش كۆرسەتكۈچى ۋە تۆھپە قوشۇش كۆرسەتكۈچلىرىنى ئېلان قىلدى.

  مۇتەخەسسىسلەرنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، گۈللىنىش كۆرسەتكۈچلىرى تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرى، مەيدان – ساراي، ئىستېمال، چېنىقىش، ساياھەت قىلىش، ۋاسىتىچىلىك، كۆرگەزمە قاتارلىق كۆرسەتكۈچلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. تۆھپە قوشۇش كۆرسەتكۈچلىرى ئولىمپىك مەدەنىيىتى، ئومۇمىي خەلق بەدەن چېنىقتۇرۇش، ياشلار، ئۆسمۈرلەر تەربىيەسى، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت، خەلقئارا تەجرىبە ئالماشتۇرۇش قاتارلىق كۆرسەتكۈچلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر