- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


ئۆي مۈلۈك بازىرى يېڭى سىياسىي ئوتتۇرىغا قويۇلدى
2015.04.01 16:19 مەنبە: خەلق تورى
ئۆي باھاسىدا 2009- يىلىدىكى قىزغىنلىق قايتىلىنامدۇ؟
شىنخۇا تورى، بېيجىڭ، 31- مارت تېلېگراممىسى. جۇڭگو خەلق بانكىسى، تۇرالغۇ ۋە يېزا شەھەر قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقى، بانكىچلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى قاتارلىق ئۈچ ئورۇن بىرلىشىپ تارقاتقان «شەخسىي تۇرالغۇ قەرز سىياسىتىگە ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئوقتۇرۇش»تا، ئىككىنچى يۈرۈش ئۆينىڭ ئالدىن تۆلەيدىغان پۇل %40 كە تەڭشەلگەن، جامائەت تۇرالغۇ فوندى قەرزى بىلەن تۇنجى يۈرۈش ئۆي سېتىۋالىدىغانلار ئالدىن تۆلەيدىغان پۇل %20 كە تۆۋەنلىتىلگەن. شۇ كۈنى مالىيە مىنىستىرلىقى ۋە دۆلەت باج ئىدارىسى تارقاتقان «شەخسىي تۇرالغۇنى ئۆتۈنۈپ بېرىش تىجارەت بېجى سىياسىتىنى تەڭشەش توغرىسىدىكى ئوقتۇرۇش»تا، ئادەتتىكى تۇرالغۇنىڭ تىجارەت بېجىنى كەچۈرۈم قىلىش ۋاقتى بەش يىلدىن ئىككى يىلغا ئۆزگەرتىلگەن.
كەسپ ئەھلىلىرى مۇنداق قارىدى: تۆت مىنىستىرلىق، كومىتېت بىرلىشىپ ئوتتۇرىغا قويغان «پۇل مۇئامىلە+مالىيە بېجى»سىياسىتى تەدبىرى 2008- يىلىنىڭ ئاخىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئۆي مۈلۈك بازىرى سىياسىتىگە ئوخشاپ كېتىدىكەن. مەركەز 2008- يىلى10- ئايدا «شەخسىي تۇرالغۇنى ئۆتۈنۈپ بېرىش تىجارەت بېجى سىياسىتى توغرىسىدىكى ئوقتۇرۇش»قاتارلىق تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان، شەخسىي تۇرالغۇنى ئۆتۈنۈپ بېرىش تىجارەت بېجىنى كەچۈرۈم قىلىش ۋاقتى بەش يىلدىن ئىككى يىلغا، تۇنجى يۈرۈش ئۆي ۋە ئىككىنچى يۈرۈش ئۆي سېتىۋىلىش ئۈچۈن ئالدىن تۆلەيدىغان پۇل %20 كە تەڭشەلگەن. كىرىدېت، باج قاتارلىق بىر نەچچە سىياسەتنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ئۆي مۈلۈك بازىرىدا دەرھال بۇرۇلۇش بولۇپ، شۇ يىلى سېتىلغان ئۆي كۆلىمى 900 مىليون كۋادرات مېتىردىن ئېشىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %50 ئاشقان. سېتىلىش سوممىسى 4 تىرىللىئون 400 مىليارد يۈەنگە يىتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %83 ئاشقان.
بۇ قېتىم يېڭى سىياسەت ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى بىلەن 2009- يىلىدىكى ئەھۋال قايتىلىنامدۇ؟ مۇتەخەسسىسلەر ئومۇميۈزلۈك مۇنداق قارىدى: دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئېشىش سۈرئىتى ئاستىلىغان، قۇرۇلما تەڭشەلگەن «يېڭى نورمال ھالەت»تە، بۇ يېڭى سىياسەت ئۆي مۈلۈك بازىرىنىڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئەسلىگە كېلىشىگە تۈرتكە بولسىمۇ، بىراق ئۆي مۈلۈك بازىرىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان ئامىللاردا ئۆزگىرىش بولۇپ، «مىقدارى ئېشىش، باھا مۇقىم بولۇش» 2015- يىلىدىكى ئۆي مۈلۈك بازىرىنىڭ يېڭى ئالاھىدىلىكى بولۇپ قالىدۇ.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر