- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


دوستلار چەمبىرىكى» داۋاملىق كېڭىيىۋاتىدۇ ، ئاسىيا بانكىسىنى قۇرۇشقا قاتنىشىش ئويى بار دۆلەتلەر 30 غا يەتتى
2015.04.01 16:18 مەنبە: خەلق تورى
ھەر قايسى دۆلەتلەر ئاسىيا مەبلەغ سېلىش بانكىسى تېز سۈرئەتلىك ئاپتوبۇسىغا چىقىۋىلىشقا ئالدىرىۋاتىدۇ
مۇخبىرىمىز ليۇ شاۋخۇا
دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇاڭ چۈنيىڭ 31- مارت قەرەللىك ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: 31- مارتقىچە، كۆپ تەرەپلىك تەكشۈرۈش تەرتىپىدىن ئۆتۈپ ئاسىيا مەبلەغ سېلىش بانكىسىنى قۇرۇشقا قاتنىشىش ئويى بار ئەزا دۆلەتلەر 30 غا يەتتى، ئىلتىماس سۇنغان باشقا دۆلەتلەر كۆپ تەرەپلىك تەكشۈرۈش تەرتىپىدىن ئۆتكەندىن كېيىن پىكىر ئېلىنىدۇ، كونكىرت ئەزا دۆلەتلەر سانى 4- ئاينىڭ 15- كۈنى بېكىتىلىدۇ.
توردا كىشىلەر ئاسىيا مەبلەغ سېلىش بانكىسىنى «سۈپەتلىك، ئىسىل، سەرخىل»تۈسىنى ئالغان «دوستلار چەمبىرىكى» دەپ قىزغىن بەس مۇنازىرە قىلدى، بۇ يەردە ئاسىيادىن كەلگەن دۆلەتلەر ھەم كونا كاپتالىزم دۆلەتلىرىمۇ بار. ئاسىيا مەبلەغ سېلىش بانكىسى ئېچىۋىتىلگەن پوزىتسىيەسى بىلەن دۇنيانى ئاسىيانىڭ تەرەققىياتىدىن بەھرلىنىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىمەكتە.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر