باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت باج باش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى: مۇھىت ئاسراش باج لايىھەسى گوۋۇيۈەنگە يوللاندى

2015.04.01 16:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  باج تاپشۇرغۇچىلار باج بىلەن تەمىنلىگۈچىلەر، باج تاپشۇرغۇچىلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش باج تارماقلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى. قانداق قىلغاندا باج ئىسلاھاتىنى تېخىمۇ ئادىل قىلغىلى بولىدۇ؟ قانداق قىلغاندا ئىناق باج يىغىش-ئېلىش مۇناسىۋىتى ئورناتقىلى بولىدۇ؟ قانداق قىلغاندا باج تاپشۇرغۇچىلارغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلغىلى بولىدۇ؟ 24-قېتىملىق مەملىكەتلىك باج تەشۋىقات ئېيى كېلىش ئالدىدا، دۆلەت باج باش ئىدارىسى 31-مارت باج تاپشۇرغۇچىلار سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى. دۆلەت باج باش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ جۈن باج ئىشلىرى توغرىسىدا باش تاپشۇرغۇچىلار بىلەن يۈز تۇرا پاراڭلاشتى.

  «يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، باج يىغىشنى ئىجرا قىلىش ئىدىيەسى ۋە مۇلازىمەت قىلىش ئىدىيەسىدە باج سىستېمىسىدىكى يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە خېلى چوڭ ئىلگىرىلەش بولدى. باج ئىشلىرى تارماقلىرىنى ماختاش كېرەك» دېدى فۇجيەن ئۆلكىسى «لۇڭجىڭ» مۇھىت ئاسراش پاي شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى خۇاڭ ۋېي. خۇاڭ ۋېينىڭ مۇھىت بۇلغىنىش مەسىلىسىگە بولغان ئەندىشىسىگە قارىتا ۋاڭ جۈن مۇنداق دېدى: كەلگۈسى باج تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى يېشىل باج تۈزۈمى بويىچە تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك، مۇھىت ئاسراش كەسپى يېشىل كەسىپ، باج يىغىشنى قوللاش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ھازىر، مۇھىت ئاسراش باج لايىھەسىنى گوۋۇيۈەنگە يوللىدۇق، لېكىن مۇھىت ئاسراش بېجى بارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلالمايدۇ، يەنە ئۇنىۋېرسال تۈزەپ، ھەر قايسى تارماقلار ماسلىشىپ ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

  مەنبە خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر