باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى قاتارلىق يەتتە ئورۇنغا ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئەۋەتتى

2015.04.01 16:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى، بېيجىڭ، 31-مارت تېلېگراممىسى. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقى تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ يېڭىدىن تەسىس قىلغان يەتتە ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋاكالەت گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقلىرى يېقىندا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىكسەپ بۆلۈمى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئورگىنى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئورگىنىغا بېرىپ ۋەزىپە ئۆتەشكە تىزىملاتقان. بۇ مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ پارتىيە تارىخىدا تۇنجى قېتىم پارتىيەنىڭ خىزمەت تارماقلىرى ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئورگانلىرى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئورگانلىرىغا ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋاكالەت گۇرۇپپىسى ئەۋەتىشى بولۇپ، ۋاكالەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاپلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇھىم قەدىمى ھېسابلىنىدۇ.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ دائىمىي كومىتېت يىغىنى بۇلتۇر 11-دېكابىر «مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ۋاكالەت ئاپپاراتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكرى»نى ماقۇللىدى ۋە ج ك پ مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدا مۇھىم تەسىرگە ئىگە مەركەز ۋە دۆلەتنىڭ يەتتە ئورگىنىدا مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ۋاكالەت ئاپپاراتى قۇرۇشنى قارار قىلدى. مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى، مەركەز ئورگان ئىشتات كومىتېتى ئىشخانىسى، مالىيە مىنىستىرلىقى قاتارلىق تارماقلار بىلەن بىرلىكتە ۋاكالەت ئاپپاراتى قۇرۇش خىزمىتىنى تەشكىللەپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ۋاكالەت ئاپپاراتى تۇرۇشلۇق ھەر قايسى تارماقلارنىڭ ياردىمىدە، يېڭىدىن تەسىس قىلغان يەتتە ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋاكالەت گۇرۇپپىسىنىڭ تۈرلۈك تەشكىللەش خىزمەتلىرى ئۇتۇقلۇق بولدى.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر