باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزنىڭ ئەڭ چوڭ دۆلەت ئورمانچىلىق رايونى 63 يىللىق سودا خاراكتېرلىك كېسىشكە خاتىمە بەردى

2015.04.01 16:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چوڭ، كىچىك ھىنگان تېغى، چاڭبەيشەن ئورمانچىلىق رايونىدىكى تەبىئىي ئورمانلىقنى كېسىش 1-ئاپرېلدىن باشلاپ توختىتىلدى، بۇ دۆلەت نۇقتىلىق ئورمانچىلىق رايونىنى ئېچىپ ئىشلىتىشتىن ئومۇميۈزلۈك قوغداپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ يېڭى باسقۇچىغا قەدەم قويغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

  ئېلىمىزدىكى ئەڭ چوڭ دۆلەت ئورمانچىلىق رايونى بولغان ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىدىكى چوڭ ھىنگان تېغى دۆلەت نۇقتىلىق ئورمانچىلىق رايونىمۇ 31-مارت تەبىئىي ئورماننى سودا خاراكتېرلىك كېسىشنىڭ 63 يىللىقىغا خاتىمە بەردى.

  ماي ئېيىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر كۈنى ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى چوڭ ھىنگان تېغى تۇلخا ئورمانچىلىق ئىدارىسى شىنچى ئورمانچىلىق مەيدانىنىڭ 301-خىزمەت ئەترىتىدىكى ئىشچىلار ئەڭ ئاخىرقى بىر كۈنلۈك جىددىي، تەرتىپلىك خىزمىتىنى باشلىۋەتتى.

  ئەگىر كەتكەن تاغ يولى، قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان دەل-دەرەخلەر، ئېگىز-پەس تاغلار گۈزەل ۋە ھەيۋەتلىك بىر كۆرۈنۈشنى شەكىللەندۈرگەنىدى. يېڭى جۇڭگو ئورمان كېسىشنىڭ تۇنجى بۇرغىسى 1952-يىلى تۇلخا ئورمانچىلىق ئىدارىسىدە چېلىنغانىدى، 63 يىل ئۆتۈپ كەتتى، بۇ يەر ئورمان كېسىشنى ئومۇميۈزلۈك توختىتىشنىڭ ئاخىرقى پەيتىنى كۈتۈۋالدى، ئىشچىلار ئاخىرقى قېتىملىق كېسىش ۋەزىپىسىنى ئەستايىدىللىق بىلەن تاماملىماقتا.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر