باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات پىلانىنى ئېلان قىلدى

2015.03.26 16:48         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا مەملىكەت بويىچە يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنىڭ 2015-يىلىدىن 2030-يىلىغىچە بولغان پىلانى گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىدا قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى ھەم ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلدى. بۇنىڭدا تېرىلغۇ يەر ئورنىدا ئىشلىتىلىۋاتقان يەرنى تېرىقچىلقتىن مۇۋاپىق چېكىندۈرۈش،يەنى ئىشلەپچىقىرىش شارائىتى ھازىرلىمىغان ياكى ئېغىر بۇلغانغان تېرىلغۇ يەرلەرنى تىرىقچىلىقتىن چېكىندۈرۈش تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلدى. تېرىلغۇدىن چېكىندۈرۈلىدىغان يەر 240 مىليون موغا يېتىشى مۇمكىن. مۇئاۋىن يېزا ئىگىلىك مىنىستىرى چېن شياۋخۇا مۇنداق دېدى: ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا بۇ دەل تەرەققىيات شەكلىدە بۇرۇلۇش ياساشتىن ئىبارەت. بۇ سۇ تۇپراق بايلىقىنى قوغداش، يېزىلارنىڭ مۇھىتىنى ئوڭشاش، يېزا ئىگىلىك ئېكولوگىيىسىنى قوغداش ۋە ياخشىلاش، سىناق قىلىش ئۈلگە كۆرسىتىشتىن ئىبارەت تۆت تۈرلۈك قۇرۇلۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىلگىرىكى بايلىقنى خورىتىش، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى سېلىنمىسىنى كۆپەيتىش، ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى بۇلغاشتىن ئىبارەت بۇ خىل ئەھۋالدىن سان، سۈپەت، ئۈنۈمگە تەڭ ئەھمىيەت بېرىشكە قاراپ بۇرۇلۇش ياساپ، مەھسۇلاتنى يۇقىرى ئۈنۈمدە ئىشلەپچىقىرىش، مەھسۇلات بىخەتەرلىكى، بايلىق تېجەش، مۇھىت بىخەتەرلىكىدىن ئىبارەت ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات يولىدا مېڭىش لازىم. جايلارنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى بەرداشلىق بېرىش كۈچى، مۇھىتنىڭ كۆتۈرۈشچانلىقى، ئېكولوگىيە تىپى ۋە تەرەققىيات ئاساسى قاتارلىق ئامىللارغا ئاساسەن، پىلاندا پۈتۈن مەملىكەت ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش رايونى، مۇۋاپىق تەرەققىي قىلدۇرۇش رايونى ۋە قوغدىلىدىغان تەرەققىيات رايونىدىن ئىبارەت ئۈچكە بۆلۈندى. بۇ شەرقىي شىمال، خۇاڭخې خۈەيخەي دەريالىرى رايونى، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا تۆۋەن ئېقىنىدىكى رايونلار ۋە جەنۇبىي جۇڭگو رايونى جۈملىدىن ئېلىمىزنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىدىغان ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىش رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مۇۋاپىق تەرەققىي قىلدۇرۇش رايونى غەربىي شىمال ۋە غەربىي جەنۇبتىكى رايونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ رايونلارنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە،بىراق بايلىق مۇھىتقا بەرداشلىق بېرىشچانلىقى چەكلىك، قوغداش بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىشكە توغرا كېلىدۇ. قوغدىلىدىغان تەرەققىيات رايونى چىڭخەي شىزاڭ رايونى ۋە دېڭىز ئوكيان بېلىقچىلىق رايونى؛ بۇ چەك قويۇپ قوغدىلىدىغان، ئېچىشقا چەك قويۇلىدىغان رايون.

  يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا يەر ئەڭ ئاۋۋال ھەل قىلىنىدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىل. پىلاندا تېرىلغۇ يەر ئورنىدا ئىشلىتىلىۋاتقان يەرنى تېرىقچىلىقتىن مۇۋاپىق چېكىندۈرۈشتىن ئىبارەت پىكىر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. چېن شياۋخۇا بۇنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: چېكىندۈرۈش مۇنداق ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ، بىرىنچى تۈرى ئىشلەپچىقىرىش شارائىتى ھازىرلىمىغان ئالايلۇق ئىشلەپچىقىرىش بىلەن بايلىق مۇھىتى ماسلاشمىغان رايون؛ ئىككىنچى تۈرى ئېغىر مېتاللار بىلەن بۇلغانغان رايونلار، يەر ئاستى سۈيى ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن رايونلارنى كۆرسىتىدۇ. بىراق تېرىلغۇ يەرلەرنى چېكىندۈرۈش يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللانماسلىقنى كۆرسەتمەيدۇ؛ بىر مىليارد 800 مىليون مودىن كۆپرەك تېرىلغۇ يەرگە كاپالەتلىك قىلىش، ئاساسىي ئېتىز بىر مىليارد 560 مىليون مودىن ئاز بولماسلىقتىن ئىبارەت بۇ چەك بۇزۇلمايدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر