باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

قانۇننى قەتئىي ئىجرا قىلىپ، قۇملۇققا بۇلغىما قويۇپ بېرىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش كېرەك

2015.03.26 14:26         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندا گەنسۇ ئۆلكىسى ۋۇۋېي شەھىرىدىكى مەلۇم كارخانا تېڭگىر قۇملۇقىنىڭ ئىچىگە بۇلغىما قويۇپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن بۇ كارخانىنىڭ باش دىرېكتورى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈلدى ۋە بىۋاسىتە مەسئۇل خادىمدىن ئىككىسى توختىتىپ قويۇلدى، يەرلىكتىكى مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارنىڭ مەسئۇللىرى خىزمىتىدىن توختىتىپ تەكشۈرۈلدى. بۇ ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مۇھىتقا تەسىر يەتكۈزىدىغان قانۇنسىز قىلمىشلارنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتىكى روشەن پوزىتسىيەسىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.

  قۇملۇقنىڭ ئېكولوگىيەسى ئەسلىدىنلا ئاجىز بولۇپ، قۇملۇققا بۇلغىما قويۇپ بېرىشنىڭ ئاقىۋىتى ئىنتايىن ئېغىر. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شەندۇڭ ئۆلكىسى ۋېيفاڭ شەھىرىنىڭ قۇدۇق كولاپ بۇلغىما قويۇپ بېرىش دېلوسى، خېبېي ئۆلكىسى ساڭشيەن ناھىيەسىنىڭ «<قىزىل پۇرچاق> ئىدارە باشلىقى» دېلوسى، يۈننەن ئۆلكىسى كۈنمىڭ شەھىرىدىكى كىچىك دەريانىڭ «سۈت دەرياسى»غا ئايلىنىش دېلوسى قاتارلىق ئۈزلۈكسىز ئاشكارىلىنىۋاتقان دېلولار ئاممىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى ھەم مۇھىت بۇلغىنىشىنى بىر تەرەپ قىلىشقا بولغان ئەندىشىسىنى كۈچەيتىۋەتتى. نۆۋەتتە مۇھىت ئاسراش قانۇنىنى ئىجرا قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش، كارخانىلارنىڭ بۇلغىما قويۇپ بېرىشىنى چەكلەش، ئاجىز ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش ئاممىنىڭ ئورتاق ساداسىغا ئايلاندى.

  بۇلغىما قويۇپ بەرگۈچىلەرگە بېرىلگەن جازانىڭ يېنىك بولۇشى بۇلغىما قويۇپ بېرىش دېلولىرىنىڭ قايتا - قايتا يۈز بېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا.

  مۇھىت قانۇنىغا خىلاپ دېلولارنىڭ كۆپلەپ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، بىر تەرەپتىن قانۇن يۈرگۈزۈپ، بىر تەرەپتىن قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش ئەھۋالىنى تۈگىتىش ئۈچۈن قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا زەربە بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ يىللىق مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن» مەزگىلىدە مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقىنىڭ يېڭىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن مىنىستىرى چېن جىنىڭ مۇنداق دېدى: كارخانىلارغا قانۇنغا رىئايە قىلىشنى بىلدۈرۈش يۇقىرى تەلەپ ئەمەس، بەلكى تۆۋەن چەك، مۇھىت ئاسراش قانۇن ئىجراسىنىڭ ئىلگىرىكى زىيادە بوش، زىيادە يېنىك بولۇش ئەھۋالىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىشىمىز؛ كۈچى ۋە نوپۇزى بار ئادەملەر بىلەن تۇتۇشۇشقا جۈرئەت قىلىپ، يۇقىرى بېسىملىق ھالەتنى شەكىللەندۈرۈشىمىز كېرەك. بۇ مۇھىت ئاسراش قانۇنىنى يۈرگۈزۈشنىڭ ئەجەللىك نۇقتىسىنى تۇتقانلىق، شۇنداقلا مۇھىت ئاسراش قانۇنى ئىجراسىنىڭ كۈچەش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەرگەنلىك.

  ئامما بۇلتۇر ئاپرېلدا تۈزىتىلگەن يېڭى مۇھىت ئاسراش قانۇنىنى تارىختىكى ئەڭ قاتتىق تۈزۈلگەن مۇھىت ئاسراش قانۇنى، دەپ تەرىپلىدى ھەم بۇ قانۇندىن زور ئۈمىدلەرنى كۈتتى. كارخانىلارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتكەندىلا، مۇھىت ئاسراش قانۇنىنىڭ بەلگىلىمىلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قانۇنغا دەخلى - تەرۇز قىلغۇچىلارنى پاش قىلىپ، ئۇلارنى قاتتىق جازالاپ، توغرا يولغا باشلىغىلى، مۇھىت ئاسراش قانۇنىنىڭ مۇھىت ئاسراشتىكى ھەقىقىي رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر