- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
خەلق ئاۋىئاتسىيە ئۇچۇر سىستېمىسىغا قانۇنسىز كىرىش جىنايىتىگە داۋاملىق زەربە بېرىلىدۇ
2015.03.24 15:54 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
يولۇچىلار ۋە ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن، ئېلىمىزنىڭ خەلق ئاۋىئاتسىيە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى بىلەن ئالاقىدار تارماقلار خەلق ئاۋىئاتسىيە ئۇچۇر سىستېمىسىغا قانۇنسىز كىرىش جىنايىتىگە داۋاملىق زەربە بېرىپ، بۇ ساختا دېلولارنىڭ كۆپ يۈز بېرىش ھالىتىنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەيدۇ.
جۇڭگو خەلق ئاۋىئاتسىيە ئىدارىسىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، ھازىر خەلق ئاۋىئاتسىيە ئۇچۇر سىستېمىسىغا قانۇنسىز كىرىپ يولۇچىلارنىڭ كىملىك ئۇچۇرىنى قوبۇل قىلىش ئالدامچىلىق قىلىش دېلوسىنىڭ كۆپىيىپ، يولۇچىلار ۋە ئاۋىئاتسىيە شىركەتلىرىگە غايەت زور مال مۈلۈك زىيىنى پەيدا قىلغان.
خەلق ئاۋىئاتسىيە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ۋە كەسپىي زاتلار مۇنداق دەپ تەكلىپ بەردى: بارلىق يولۇچىلار بېلەت قايتۇرۇش ياكى بېلەتنى ئۆزگەرتىش ئۇچۇرىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، ئۇچۇرنى ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ، ئاۋىئاتسىيە شىركىتى تورىغا كېرىپ، توغرا مۇلازىمەت تېلېفونى ئارقىلىق ئولتۇرماقچى بولغان نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ ئۆزگەرگەن ياكى ئۆزگەرمىگەنلىكى ئۇچۇرىنى ئېنىقلاپ، ئالدامچىلىقتىن ساقلىنىشى كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر