باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشچە، ئېنتىرنىت تورى 9 ئۈلۈشتىن يۇقىرى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ۋە ئاق ياقىلىقلارنىڭ ئاساسلىق ئۇچۇرغا ئېرىشىش ۋاستىسى بولۇپ قالغان

2015.03.24 15:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ24-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: نۆللۈك تەكشۈرۈش شىركىتىنىڭ ئېلان قىلغان تەكشۈرۈش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئېنتىرنىت تورى ئىشلىتىدىغان ئادەملەر توپى ئىچىدە، 9 ئۈلۈشتىن يۇقىرى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، يېرىمدىن يۇقىرى شەھەر مۇلازىمەت ئىشچىلىرى ۋە ناھىيە دەرىجىلىك شەھەر ئاھالىسى، تۆتتىن بىر شەھەر ئوتتۇرا ياش ياشانغانلارنىڭ ئەڭ مۇھىم ئۇچۇرغا ئېرىشىش ۋاستىسى ئېنتىرنىت تورى بولغان.

  تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشچە، ئېنتىرنىت تورىنى ئىشلىتىدىغان ئاق ياقىلىقلار ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نىسبىتى ئايرىم- ئايرىم ھالدا 98.3% ۋە 97.9% كە يەتكەن. ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە شەھەر مۇلازىمەت ئىشچىلىرى ئارىسىدىكى تور ئەھلى 8 ئۈلۈشتىن ئاشقان. ئېنتىرنىت تورى ئىشلىتىدىغان ناھىيە دەرىجىلىك شەھەر ئاممىسى ۋە شەھەر ئوتتۇرا ياش ياشانغانلار توپى 7 ئۈلۈش ئەتراپىدا.

  ئېنتىرنىت تورى ئىشلىتىدىغان ئادەملەر توپى ئىچىدە، 96.4% ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى،90.7% ئاق ياقىلىقلار، 78.8% ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ئۇچۇرغا ئېرىشىش ۋاستىسى ئېنتىرنىت تورى بولغان. بۇنىڭدىن باشقا، 58.7% شەھەر مۇلازىمەت ئىشچىلىرى ۋە 53.7% ناھىيە دەرىجىلىك شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئۇچۇرغا ئېرىشىشتىكى ئەڭ مۇھىم ۋاستىسى ئېنتىرنىت تورى بولغان. رەقەملىشىش دەرىجىسى تۆۋەنرەك بولغان شەھەر ئوتتۇرا ياش، ياشانغانلار ئىچىدىمۇ 25.4 % ى ئېنتىرنىت تورىنى ئاساسلىق ئۇچۇرغا ئېرىشىش ۋاستىسى قىلغان. ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ئاق ياقىلىقلارنىڭ كۈنلۈك ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئېنتىرنىت تورىنى ئىشلىتىش ۋاقتى 6 سائەتتىن ئاشقان، ناھىيە دەرىجىلىك شەھەر ئاھالىلىرى ۋە شەھەر مۇلازىمەت ئىشچىلىرىنىڭ ئايرىم ئايرىم ھالدا 3.6 سائەت ۋە 3.1 سائەت بولغان. ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە شەھەر ئوتتۇرا ياش ياشانغانلارنىڭمۇ 3 سائەتكە يېقىنلاشقان.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

ئالاقىدار خەۋەرلەر