باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت يىمەكلىك دورا نازارەت باش ئىدارىسى: ئىچىملىك سۇنى تاللاپ تەكشۈرۈش قېتىم سانىنى كۆپەيتىمىز

2015.03.24 15:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ24-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 22- مارتتىن 28- مارتقىچە، «جۇڭگو سۇ ھەپتىلىكى»، « تامچىدىكى ساپلىقنى ئورتاق قوغدايلى» ئۇچرىشىىش مۇنبىرى يېقىندا بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو ئىچىملىك سانائىتى جەمئىيىتى، سۇ ئىكىلوگىيسى مەسلىسى پۈتۈن كەسىپنىڭ ئورتاق مەسلىسى، كەسىپ ئىچىدىكى ھەر قايسى كارخانىلارنىڭ ئورتاق قوغدىشىغا مۇھتاج،دەپ قارىدى.

  ماتىرىياللاردا كۆرسىتىلىشچە، ھازىر دۆلىتىمىز سۇ بايلىقى ئۈستىگە ئالغان ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش بېسىمى دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدۇ، تاتلىق سۇ مىقدارى قىس، نۆۋەتتە كىشى بېشىغا توغرا كىلىدىغان تاتلىق سۇ بايلىقى مىقدارى 2100 كۇب مىتىر، دۇنيا كىشى بېشىغا توغرا كىلىدىغان ئوتتۇرچە سۇ مىقدارىنىڭ 28 % گە توغرا كېلىدۇ، بېيجىڭ، تىيەنجىن، خېبېي رايۇنىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغىنى ئاران 286 كۇب مىتىر، خەلقئارانىڭ 500 كۇب مىتىرلىق «ئەڭ تۆۋەن ئۆلچىمى»دىن خېلىلا تۆۋەن. بىرلا ۋاقىتتا سۇ سۈپىتى بارغانسىرى ناچارلىشىش، سۇ بۇلغىنىش ھادىسلىرى يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 1700 قېتىمدىن كۆپ يۈز بېرىپ، ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەھدىت سېلىۋاتىدۇ.

  مۇنبەردە، دۆلەت يىمەكلىك دورا نازارەت باش ئىدارىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلى مۇنداق كۆرسەتتى: ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىكى بولسا يىمەكلىك بىخەتەرلىكىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى، يىمەكلىك دورا نازارەت باش ئىدارىسى ئىچىملىك سۇ، ئىچىملىك ماتىرىياللىرىغا قارىتا باشقۇرۇش، نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، كارخانىلارنىڭ سوبىكتىپ مەسئۇليەتنىڭ قاتتىق ئومۇملىشىشىغا يىتەكچىلىك قىلىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا، يىللىق تاللاپ تەكشۈرۈش ۋە مەخسۇس تەكشۈرۈش پىلانىدا، قۇتىلىق ئىچىملىك سۇنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىك تاللاپ تەكشۈرۈش قېتىم سانى، تەكشۈرۈش تۈرىنى پەيدىنپەي كۈچەيتىپ، تەكشۈرۈش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرىدۇ.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

ئالاقىدار خەۋەرلەر