باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خەلقئارا ئولىمپىك كومىتىتىنىڭ باھالاش ئۆمىكى بېيجىڭغا يىتىپ كەلدى

2015.03.24 15:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلقئارا ئولىمپىك كومىتىتىنىڭ ئەزاسى، باھالاش كومىتىتىنىڭ رەئىسى ئالىكساندىر روكوف 23- مارت پايتەخىت ئايروپورتىغا يىتىپ كەلدى .

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ24-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۇزۇن تەييارلىق خىزمىتىنى باشتىن كەچۈرگەندىن كىيىن 2020-يىللىق بېيجىڭ، جاڭجىياكوۋ بىرلەشمە قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئىلتىماس قىلىش چوڭ سىناقنى كۈتىۋالدى. 23- مارت، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتىتىنىڭ 19 نەپەر ئەزاسىنىڭ ھەممىسى بېيجىڭغا يىتىپ كىلىپ، 24- مارتتىن باشلاپ بېيجىڭ، جاڭجىياكوۋ ئىككى يەردە 5 كۈنلۈك تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ.

  ئەگەر بۇقېتىملىق ئىلتىماس قىلىش غەلبە قازانسا، بېيجىڭ يازلىق، قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزگەن بىرىنچى شەھەر بوپقالىدۇ. بىراق ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلىش ھەرگىزمۇ رىكورت يارىتىش ئۈچۈن ئەمەس. ئاممىنىڭ قار- مۇز تەنھەركەت ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش، ئولىمپىك قىممەت قارشىنى تارقىتىش، شەھەر قۇرۇلۇشى ۋە ئىكىلوگىيلىك مۇھىتىنى ياخشىلاش، رايۇننىڭ ماس تەرەقىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى بىزگە ئېكىپ كېلىدىغان ئۆزگىرىش، بىزگە ئېلىپ كېلىدىغان نەپ، بىز ئويلىغىنىمىزدىنمۇ كۆپ.

  بېيجىڭ ئولىمپىك شەھەر تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمىيتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جىياڭ شىياۋيۈنىڭ قارىشىچە، قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئىلتىماس قىلىشنىڭ ياردىمىدە، قىشلىق تۈرلەرنىڭ ئۇمۇملىشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، كىشلەرنىڭ بەدەن چېنىقتۇرۇشىدىكى تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ياخشىلاپ، بۇ ئارقىلىق ئۇمۇمى خەلقنىڭ بەدەن ساپاسىنى يۇقىرى كۆتىرگىلى بولىدۇ.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

ئالاقىدار خەۋەرلەر