باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى: بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي ۋە ئەتراپتىكى رايونلاردا 3-ئاينىڭ ئاخىرىدا ئېغىر بۇلغىنىش ھاۋا رايى كۆرۈلۈشى مۇمكىن

2015.03.18 16:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا تورى، بېيجىڭ، 17-مارت تېلېگراممىسى. مۇخبىرنىڭ 17-مارت جۇڭگو مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقىدىن ئۇقۇشىچە، بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي ۋە ئەتراپتىكى رايونلارنىڭ ھاۋا رايى شارائىتى 3-ئاينىڭ ئاخىرىدا ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ تارقىلىشىغا پايدىسىز بولۇپ، ئېغىر بۇلغىنىش ھاۋا رايى كۆرۈلۈشى مۇمكىنكەن. مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېي ۋە ئەتراپتىكى رايونلاردا ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش مەخسۇس تەكشۈرۈش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، مۇھىت بۇلغىنىش يوشۇرۇن خەۋپىنى تۈگىتىپ، ئاتموسفېرا مۇھىتىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدىكەن.

  مۇھىت ئاسراش مىنىستىرلىقى مۇھىت مەمۇرىي تەپتىش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى زۇ شۇمىن مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى مەخسۇس تەكشۈرۈش ھەرىكىتى جايلارنى ئاساس قىلىدۇ، بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېينى مۇھىم نۇقتا قىلىپ ۋە ئەتراپتىكى رايونلارغا تەڭ ئېتىبار بېرىپ، ئاتموسفېراغا بۇلغىغۇچى ماددىلارنى قويۇپ بېرىدىغان كارخانىلارنىڭ مۇھىت ئاسراش ئەسلىھەلىرىنى ئىشلىتىش ئەھۋالى ۋە بۇلغىغۇچى ماددىلارنى قويۇپ بېرىش ئەھۋالى، ئېغىر بۇلغىنىش ھاۋا رايىغا جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى ئالدىن تۈزۈش ۋە ئىجرا قىلىش ئەھۋالى، ئامما ئەرز قىلغان دېلو ۋە قىزىق نۇقتىلىق مۇھىت مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالىنى نۇقتىلىق تەكشۈرىدۇ. مەخسۇس تەكشۈرۈش ھەرىكىتىدە مۇھىت ئاسراش قانۇنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئاتموسفېرا بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەش ھەرىكەت پىلانى»دىكى تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېينىڭ ماس تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر