- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


پۈتۈن مەملىكەتنىڭ مالىيە كىرىمى يىڭى يىلدا تۆۋەن سەۋىيەدە باشلاندى
2015.03.18 11:06 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىتىنى كۆزىتىدىغان بىر كۆرسەتكۈچ بولغان پۈتۈن مەملىكەتنىڭ مالىيە كىرىمى بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئىككى ئېيىدا %3.2 لىك تۆۋەن ئېشىش سۈرئىتى بىلەن باشلاندى، چىقىم بولسا ئىككى خانىلىق سان بىلەن ئاشتى. نوپۇزلۇق ئەربابلار مۇنداق دېدى: بۇ دەل ئاكتىپ مالىيە سىياسىتىنىڭ ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمىغا تاقابىل تۇرۇپ، ئاشۇرۇش ئۈنۈمىنى كۈچەيتكەنلىكىنىڭ ئىپادىسى. گەرچە خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى پارتلىغان دەسلەپكى مەزگىلدە دۆلەت مالىيەنى قىسقان بولسىمۇ، نۆۋەتتىكى تۆۋەن ئېشىشنى ئەڭ تۆۋەن دېيىشكە بولمايدۇ. بىراق مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: نۆۋەتتە ئاستىلىغان مالىيە كىرىمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى باجنى ئازايتىشنىڭ خېلى چوڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ئاكتىپ مالىيە سىياسىتى شۇنداقلا نۆۋەتتىكى ئىقتىسادنىڭ قۇرۇلمىسىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەڭشەشنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى گەۋدىلەندۈردى.
باج ئازايتىش ۋە چىقىمنى كۆپەيتىش-ئاكتىپ مالىيە سىياسىتىنىڭ ئىككى چوڭ ئالاھىدىلىكى. بۇ قېتىم مالىيە مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتىن قارىغاندا، مالىيە كىرىمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىشى نۆۋەتتىكى ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمىنى بەلگىلىك دەرىجىدە ئىنكاس قىلدى، مەسىلەن: سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى، ئىستېمال، مەبلەغ سېلىش، ئىمپورت-ئېكسپورت، كارخانىلارنىڭ پايدىسى قاتارلىق كۆرسەتكۈچلەرنىڭ ئېشىش كۆلىمى ئوخشىمىغان دەرىجىدە تۆۋەنلىدى، كۆپەيمە قىممەت بېجى، تىجارەت بېجى قاتارلىق قىسمەن ئاساسىي گەۋدە باجلىرىنىڭ ئېشىش كۆلىمىمۇ مۇناسىپ تۆۋەنلىدى، ئەمما ئىمپورت ھالقىلىرىنىڭ بېجى، تاموژنا بېجى، شەخسىي تاپاۋەت بېجى قاتارلىق باجلار ھەتتا مەنپىي ئاشتى.
باجنىڭ ئېشىش كۆلىمىنىڭ تۆۋەنلىشىمۇ باجنى ئازايتىش سىياسىتىنىڭ ئۈنۈم بەرگەنلىكىنى كۆرسەتتى. مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئىلگىرىكى مالىيە كىرىمىنىڭ ئېشىش كۆلىمىنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدىن بەكلا يۇقىرى بولۇش ئەھۋالىغا نىسبەتەن، بۈگۈنكى كۈندە مالىيە كىرىمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى بىلەن ئىچكى ئىشلەپچىقىرى ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدە تەڭلىشىش ئالامەتلىرى كۆرۈلدى. يەنە بىر نۇقتىدىن قارىغاندا، بۇ-دۆلەتنىڭ بايلىقنى كارخانا ۋە شەخسلەرگە تېخىمۇ كۆپ تەقسىملەپ، ۋاسىتىلىك باجنى ئاساس قىلغان باج تۈزۈلمىسى، ئادىل كىرىم تەقسىماتىنىڭ ئىسلاھاتىنى تېزلىتىشتە مۇھىم ئەھمىيەتگە ئىگە بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بەزىلەرنىڭ باج ئازايتىشنىڭ مالىيە كىرىمى، خەلق تۇرمۇشى چىقىمىنىڭ سۈرئىتىگە تەسىر كۆرسىتىشىدىن قىلىۋاتقان ئەندىشىسى ھەققىدە جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى مالىيە-ئىقتىساد ئىستراتېگىيە تەتقىقاتخانىسى مالىيە تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ياڭ جىيوڭ مۇنداق دەپ قارىدى: ئىقتىسادىي ۋەزىيەت قانچە پەسەيگەنسېرى، ئاكتىپ مالىيەنىڭ رولىنى شۇنچە جارى قىلدۇرۇش كېرەك، يىراقتىن قارىغاندا، كارخانىلارنىڭ بېجىنى ئازايتىپ، نۇقتىلىق چىقىملىرىنى كۆپەيتىش-ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشقا پايدىلىق، بۇنىڭ بىلەن كەلگۈسىدە كارخانىلار پىشىپ يېتىلىدۇ، باج كىرىمىگىمۇ پايدىسى بولىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر