باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ماشىنا كارخانىلىرىنىڭ كىچىك چاتاقنى چوڭ رېمونت قىلىش ھادىسىسى ئاشكارىلاندى

2015.03.18 11:05         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2013-يىلى ئاممىباب ئاپتوموبىل شىركىتى قاتارلىق داڭلىق ئاپتوموبىل كارخانىلىرىنىڭ مەھسۇلات سۈپىتىدە ئىستېمالچىلارنىڭ مەنپەئەتىنى زىيانغا ئۇچرىتىش ۋەقەسى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، بۇ يىل مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى 15-مارت ئىستېمالچىلار كۈنىدە تىغ ئۇچىنى يەنە بىر قېتىم ئاپتوموبىل كارخانىلىرى ۋە بېنزىننى ساختا ياساش قاتارلىق ئەھۋاللارغا قاراتتى. بۇنىڭ ئىچىدە شەرق شامىلى نىسسان شىركىتى 4S دۇكىنىنىڭ كىچىك چاتاقلارنى چوڭ رېمونت قىلىش، لاند روۋېرنىڭ تېزلىك كورۇپكىسىدىن كۆپ چاتاق چىقىش قاتارلىق ئەھۋاللار بەك دىققەتنى تارتتى. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، زىيارەت داۋامىدا بۇنىڭغا ھېچقانداق جاۋاب بەرمىگەن لاند روۋېر شىركىتى مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئەھۋالنى ئاشكارىلاپ يېرىم سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە بايانات ئېلان قىلىپ، لاند روۋېرنىڭ تېزلىك كورۇپكىسىغا ئالاقىدار مەسىلىلەرگە لاند روۋېر جۇڭگو شىركىتى ۋە ھوقۇق بەرگەن كارخانىلار ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىدۇ دېدى ھەم مۇنداق كۆرسەتتى: شىركىتىمىز بۇ يىل 19-يانۋاردىن تارتىپ، 2014- ۋە 2015-يىللىق نۇسخىدىكى ئاپتوموبىللارغا قارىتا، خېرىدارلارغا بولغان مۇلازىمەتنىڭ دەرىجىسىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆستۈردى ھەم بۇ مەسىلىنى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىغا مەلۇم قىلىپ ئارخىپقا ئالدۇردى. يىڭكې ئادۋوكاتخانىسىنىڭ ئاپتوموبىل ھوقۇقىنى قوغداش مۇتەخەسسىسى جياڭ سۇخۇا بۇ ھەقتە مۇنداق دەپ قارىدى: خەلقئارادىكى داڭلىق ماركا بولغان لاند روۋېر شىركىتى مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى خەۋەر قىلغان تېزلىك كورۇپكىسىدا ئېغىر مەسىلە ساقلانغانلىقىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىنكاس قايتۇرۇشى، ئاغزىدىلا «ماسلىشىمىز» دەپ قويۇش بىلەن بولدى قىلماسلىقى، بولۇپمۇ بۇ مەسىلىنى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدا ئارخىپقا ئالدۇرۇشنى ۋەقە ئاشكارىلانغاندىن كېيىنكى بىر باھانە قىلىۋالماسلىقى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر