باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بەيما چىلىن: دېموكراتىك قانۇن ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى خوجا بولۇش ھوقۇقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك

2015.03.17 15:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا تورى، بېيجىڭ، 13-مارت تېلېگراممىسى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تەرەققىيات ۋە مۇقىملىقتىن ئىبارەت ئىككى ئىشنى چۆرىدەپ، خىزمەت ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈپ، دېموكراتىك قانۇن ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى خوجا بولۇش ھوقۇقىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ ياخشى، تېز تەرەققىي قىلىشى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، شىزاڭ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بەيما چىلىن بۇ تېمىدا مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.

  بەيما چىلىن: بىز ئالدى بىلەن مۇقىملىقىنى ساقلاش ئەھۋالىنى تەكشۈردۇق. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىدىكى قىسمەن رەھبەرلەر مۇھىم ئىبادەتخانا ۋە ئالاقىدار رايونلارنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش ئەھۋالىنى تەكشۈردى، دائىمىي كومىتېتتىكى ئەزالار ئاساسىي قاتلامغا ئىچكىرىلەپ كىرىپ تەكشۈرۈش پۇرسىتىدىن كۆپ قېتىم پايدىلىنىپ، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت گۇرۇپپىسى ۋە كەنتلەرنىڭ پارتىيە ياچېيكا 1-قول شۇجىسىنىڭ خىزمىتىنى قاراتمىلىق تەكشۈرۈپ ۋە يېتەكچىلىك قىلىپ، تىنچ يېزا-كەنت قۇرۇش، «بىرلىشىپ تىنچلىقنى قوغداش، كىرىمنى ئاشۇرۇشتىكى ئىلغار ئورۇن(شەخس)»لەرنى باھالاش، «5-بەش يىللىق» قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش تەربىيەسىنى كەڭ قانات يايدۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرگە چىڭ تۇتۇپ ھەيدەكچىلىك قىلىپ، يەرلىكنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش خىزمىتىنى پۇختا ئىشلىدى.

  ئۇنىڭدىن باشقا، قانۇن ئىدارە قىلىش كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدۇق. جەمئىيەتنىڭ ئىناق، مۇقىملىقىنى قوغداشتىكى قانۇن چىقىرىش خىزمىتىنىڭ سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، بەزى قانۇنلارنى چىقىرىپ ئېلان قىلدۇق، بەزىلىرىنى ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈپ دەلىللەۋاتىمىز. مۇقىملىقنى قوغداشنى خەلق قۇرۇلتىيى يولغا قويغان قانۇن ئىجرا قىلىشنى تەكشۈرۈش، مەخسۇس تېمىدا تەكشۈرۈش قاتارلىق نازارەت قىلىش خىزمەتلىرى بىلەن ئورگانىك بىرىكتۈرۈپ، جەمئىيەت باشقۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىشنى قانۇن بويىچە ئىلگىرى سۈردۇق. ئالاقىلىشىش دائىرىسى كەڭ، ۋەكىللىك خاراكتېرى كۈچلۈك بولۇش ئەۋزەللىكىدىن ھەقىقىي پايدىلىنىپ، ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ مۇقىملىقنى قوغداشتىكى مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇردۇق.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر