باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇۋېيچۈن: مىللەتلەر سىياسىتى ئومۇمىي جەھەتتىن توغرا، ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلغان سىياسەت

2015.03.12 16:38        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12- نۆۋەتلىك كومىتېتى 3- يىغىنى 11- مارت سائەت 9 دا مىدىيا مەركىزى كۆپ ئىقتىدارلىق زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋىلىش يىغىنىغا تەكلىپ قىلىنغان سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ دائىمىي ئەزاسى جۇ ۋېيچۈن، خۇاڭ جيېفۇ ۋە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى خۇ شياۋيى، لى يەنخۇڭ، يۈ مىنخۇڭ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ۋە ئىجتىمائىي ئىناقلىق، مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا توختالدى ھەم مۇخبىرلارنىڭ سۇئاللىرىغا جاۋاب بەردى.
جۇ ۋېيچۈن
2008- يىلى لاسادا «14- مارت» ۋەقەسى ، 2009- يىلى ئۈرۈمچىدە « 5- ئىيۇل» ۋەقەسى يۈز بەردى، ئىككى ۋەقە بۆلگۈنچىلەرنىڭ كۈشكۈرتكەن، پىلانلىغان، سادىر قىلغان ئۇرۇش، بۇلاش، كۆيدۈرۈش، ئۆلتۈرۈشتەك زوراۋانلىق جىنايى ۋەقە. بۆلگۈنچى كۈچلەرنىڭ مەقسىدى شىزاڭ ۋە شىنجاڭنى جۇڭگودىن ئايرىپ چىقماقچى بولغان، بۆلگۈنچى كۈچلەر مىللەت بايرىقىنى كۆتۈرۈپ چىققان، مەلۇم جەھەتتە مىللەت، دىن ئامىلىدىن پايدىلانغان بولسىمۇ، بىراق بۇ ئىككى ۋەقە مىللىي مەسىلە ئەمەس، دىنىي مەسىلىمۇ ئەمەس، شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بۇ ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا ۋە كېيىنكى خىزمەتلەردە زاڭزۇ، ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر مىللەت ئامما بىرلىكتە بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇردى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوغدىدى. ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىتتىپاقلىقى بولغاچقا، بۆلگۈنچى كۈچلەرگە بىرلىكتە قارشى كۈرەش بولدى، بۇ ئىككى جايدا نۇرغۇن قىيىنچلىق ۋە مەسىلىلەر بولسىمۇ، مۇقىم بولغان ئومۇمىيەت بارغانسېرى ياخشىلاندى.
سىز ئېيتقاندەك دۆلىتىمىزنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى تەڭشەش مەسىلىسى بىر مەزگىلدىن بۇيان جەمئىيەتتە بىر قەدەر دىققەت قوزغاپ كېلىۋاتقان مەسىلە. مېنىڭچە ئالدى بىلەن شۇنى تولۇق جەزىملەشتۈرۈشكە بولىدۇكى، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 60 نەچچە يىلدىن بۇيان، ئەمەلىيەت مىللەتلەر سىياسىتىمىزنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن توغرا، ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر