باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ئىچىدىكى 6 ئايال ئەزا ئۆزلىرىنىڭ بايرىمىنى قانداق ئۆتكۈزدى؟

2015.03.09 13:30         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ئىچىدىكى 6 ئايال ئەزا ئۆزلىرىنىڭ بايرىمىنى قانداق ئۆتكۈزدى؟

  تۈنۈگۈن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى ھەلىمە ئالاھىدە سوۋغا تاپشۇرۇپ ئالدى. ئۇنىڭ قۇرۇلتاي يىغىنىغا سۇنغان ماتورلۇق قاتناش ۋاستىلىرى شوپۇرلىرىنى جىددىي ئەھۋاللاردا قۇتقۇزۇش بويىچە تەربىيىلەش، چېگرا قوغداش قوشۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى 5 پارچە تەكلىپىنىڭ ھەممىسى قۇبۇل قىلىنغان ئىدى. ھەلىمە مۇنداق دېدى: مەن سۇنغان تەكلىپلەر قۇبۇل قىلىنىپ ئالاقىدار بىجىرىشكە تەشكىللىگۈچى ئورۇنلار ۋە ئويۇشتۇرغۇچى ئىدارە- ئورۇنلارغا تارقىتىپ بېرىلدى، مەنمۇ بۇ ئورۇنلار بىلەن ئالاقىلاشتىم. ئۇلارمۇ بۇ تەكلىپلەرگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەردى. بۇ مەن ئۈچۈن بىر ئىلھاملاندۇرۇش بولدى. بۇنىڭدىن بەك خوش بولدۇم. شۇڭا «8- مارت» ئاياللار بايرىمىنى بىز ئۈچۈن تولىمۇ ئەھمىيەتلىك بايرام بولدى، دېيىشكە بۇلىدۇ. چۈنكى ئۇ ھەر ۋاقىت بىزگە مەسئۇلىيەتنىڭ ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرىدۇ.

  ئايال ئەزالارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، گەرچە ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بايرىمىدا يەنىلا شۇنداق ئالدىراش بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار ئاممىنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئارزۇ تەلەپلىرىنى ئىنكاس قىلىپ، تەرەققىيات ئۈستىدە ئاكتىپ چارە- تەدبىر كۆرسىتەلىگەنلىكىدىن تۇلىمۇ رازىمەنلىك ھېس قىلىدۇ. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى گو لىنا مۇنداق دېدى: ئىككى يىلدىن بۇيان، مەركەزنىڭ سىياسەتلىرى شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا مايىللاشتۇرۇلغان بولۇپ، يېقىن كەلگۈسىدە ياش بىر ئەۋلادلىرىمىز بولۇپمۇ ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئومۇمى گەۋدە ساپاسىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئاشقانلىقىنى ھېس قىلىمىز. بۇنىڭدىن مەن بەك خوش بولدۇم.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى تۇرۇشلۇق ئورۇنلارنىڭ بىرى بولغان بېيجىڭ دوستلۇق مېھمانخانىسىدا تۈنۈگۈن چۈشتىكى تاماق ۋاقتىدا ئايال ئەزالارنىڭ ھەر بىرى بىر پارچىدىن تورت ئالدى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى بۇھەجەر ئابلا مۇنداق دېدى: بىز مەسئۇلىيىتىمىزنى ئادا قىلىش جەھەتتە، ئەر ئەزالارغا قارىغاندا سەل ئىنچىكە بولۇشىمىز مۇمكىن. مەملىكەتلىك سىياسي كېڭەش ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ھەر قېتىم ئىككى يىغىن مەزگىلىدە «8- مارت» ئاياللار بايرىمىنى كۈتۈۋالغانلىقىمدىن ئۆزەمنى تۇلىمۇ بەختلىك ھېس قىلىمەن. مەن ئۆز مەسئۇلىيىتىمنى جەزمەن ياخشى ئادا قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر