باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سىياسى كېڭەش مۇزاكىرە گۇرۇپپىسىنىڭ نەق مەيدانىدىن كەلگەن خەۋەر

2015.03.05 16:06         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۇ جېڭشېڭ ئۈلۈشكۈن سىياسىي مەسىلھەت كېڭىشى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ ئۈچىنچى يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا دوكلات بەرگەندە : خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ سوتسيالىستىك كېڭىشىش دېموكراتىيەسىدىكى مۇھىم رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشنى ئايرىم تېما قىلىپ تەپسىلى بايان قىلدى، تۈنۈگۈن ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ گۇرۇپپىلار مۇزاكىرىسىدە ئەزالار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنى مۇنداق مۇھىم ئورۇنغا قويۇش بۇ قېتىم سىياسى كېڭەش دوكلاتىدىكى بىر چوڭ يارقىن نۇقتا، مەملىكەتلىك سىياسى كېڭەش ئەزاسى، لياۋنىڭ ئۆلكىلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى شيا دېرېن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دوكلاتتا كۆپەيتىلگەن كېڭىشىش دېموكراتىيەسى دېگەن قىسىمىنىڭ مەزمۇنى چوڭقۇر، سىياسىيلىقى يۇقۇرى بولۇپ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىشتىكى قىياپىتى ۋە سوتسيالسىتىك دېموكراتىيەنى تېزلىتىشتىكى تارىخىي مەجبۇرىيىتى ئىپادىلىنىپتۇ. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى، شەنشى ئۆلكىلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ما جۇڭپىڭ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە ئىقتىساد يېڭى ھالەتتە كىرگەندە ھەقىقەتەن نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل ئويلىنىشقا، دادىل ئىزدىنىشكە، ۋاقىتىدا يەكۈنلەشكە توغرا كېلىدۇ. مەن ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ ئاساسى گەۋدىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەزالار بىرلەشمە مېخانزمى بەرپا قىلىپ، ئالاقىلىشىش، مۇھاكىمە قىلىش يولى ۋە سەھنىسى قۇرۇش تەكلىپىنى بېرىمەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى دوڭ داشېڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: دوكلاتتا خەلق سىياسىي كېڭىشىنىڭ سوتسيالىستىك كېڭىشىش دېموكراتىيەسىدىكى مۇھىم رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، بۇنىڭدىن كېيىن سىياسىي كېڭەشنىڭ يەنىمۇ تەرەققىي قىلىشىغا نىشان كۆرىستىپ بېرىلدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى، جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى دۇنيا تارىخىي تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى يۇ جىنراۋ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: خەلق سىياسىي كېڭەش تۈزۈمى سىستېمىسى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى قائىدىسى قاتارلىقلارنى يەنىمۇ تۈزۈپ، كۆزقاراش ۋە مېخانىزمدا سىياسىي كېڭەشنىڭ كېڭىشىش دېموكراتىيەسى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر