باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن ئەتىيازلىق ئوقۇش باشلاشنى مەخسۇس تەپتىش قىلىدۇ

2015.03.05 16:02         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ 4-مارت مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن ئۇقۇشىچە، جايلارنىڭ بۇ يىل ئەتىيازلىق ئوقۇش باشلاش خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك مەكتەپلەرنىڭ يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىدا بىخەتەر، ئوڭۇشلۇق ئوقۇش باشلىشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، گوۋۇيۈەن مائارىپ مۇپەتتىشلىك كومىتېتى ئىشخانىسى يېقىندا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئەتىيازلىق ئوقۇش باشلاش خىزمىتىنى مەخسۇس مۇپەتتىش قىلىدىكەن، مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش باشلاش شارائىتىنىڭ كاپالەت ئەھۋالى، بىخەتەرلىك خىزمىتى ئەھۋالى، مەكتەپ باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇش ئەھۋالى، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى نۇقتىلىق مۇپەتتىش قىلىدىكەن.

  بۇ قېتىمقى مۇپەتتىشلىكتە جايلار ئۆزى تەكشۈرۈش، ئۆز ئارا تەكشۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلى تۇنجى قېتىم قوللىنىلىپ، جايلار ۋە ھەر دەرىجىلىك مەكتەپلەرنى قاپلايدىكەن.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، 14-مارتتىن 20-مارتقىچە، گوۋۇيۈەن مائارىپ مۇپەتتىشلىك كومىتېتى ئىشخانىسى 32 مۇپەتتىشلىك گۇرۇپپىسىنى باش بولۇپ تەشكىللەپ، ھەر قايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنى گىرەلەشمە مۇپەتتىش قىلىپ، ئۇقتۇرۇش تارقاتماسلىق، ئالدىن دەپ قويماسلىق، دوكلات ئاڭلىماسلىق ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، يوشۇرۇن تەكشۈرۈش بىلەن ئاشكارا تەكشۈرۈشنى بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلى بويىچە، مەكتەپلەرنى ھەر ۋاقىت مۇپەتتىش قىلىپ تەكشۈرىدىكەن.ئەمەلىي مۇپەتتىشلىك ئاياغلاشقاندىن كېيىن، گوۋۇيۈەن مائارىپ مۇپەتتىشلىك كومىتېتى ئىشخانىسى «مائارىپ مۇپەتتىشلىك نىزامى»دىكى بەلگىلىمە بويىچە، جەمئىيەتكە ھەر قايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ ئۆزىنى تەكشۈرۈش دوكلاتى ۋە دۆلەتنىڭ مەخسۇس مۇپەتتىشلىك دوكلاتىنى ئېلان قىلىدۇ ھەم مۇپەتتىشلىكتە بايقالغان مەسىلە بار مەكتەپلەرنى ئۇقتۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر