باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئالىي تەپتىش مۇھىت ۋە يېمەكلىك، دورا جىنايەتلىرىگە زەربە بېرىدۇ

2015.03.05 16:02         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ 4-مارت ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىن ئۇقۇشىچە، بۇ يىل 3-ئايدىن كېلەر يىلى 12-ئايغىچە، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسىدە مۇھىت، بايلىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىش جىنايىتىنى مەخسۇس دېلو تۇرغۇزۇشنى نازارەت قىلىش پائالىيىتى ۋە خەتەرلىك يېمەكلىك، دورا بىخەتەرلىك جىنايىتىگە مەخسۇس دېلو تۇرغۇزۇشنى نازارەت قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ، مۇھىت، بايلىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ھەم خەتەرلىك يېمەكلىك، دورىدىن ئىبارەت ئىككى خىل ئېغىر جىنايەتكە گەۋدىلىك زەربە بېرىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، تەپتىش ئورگانلىرى مۇنداق ئۈچ جەھەتتىكى نىشاننى نۇقتىلىق چۆرىدەپ، مەخسۇس نازارەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرىدىكەن: 1-مەمۇرىي قانۇن ئىجرا ئورگانلىرى ئۆتكۈزۈپ بەرگەن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرگەن بىر تۈركۈم مۇھىت، بايلىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىش جىنايىتىگە ئالاقىدار دېلولار ۋە خەتەرلىك يېمەكلىك، دورا بىخەتەرلىك جىنايى دېلولىرىنى قانۇن بويىچە نازارەت قىلىش؛ 2-بىر تۈركۈم مۇھىت، بايلىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىش جىنايەتلىرى ۋە خەتەرلىك يېمەكلىك، دورا بىخەتەرلىك جىنايەتلىرىنىڭ ئارقىسىدىكى كەسپىي جىنايەتلەرنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش؛ 3-مۇھىت، بايلىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ۋە يېمەكلىك، دورا نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ساھەسىدىكى دېلولارنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش ئۆلچىمى ۋە تەرتىپنى ئومۇميۈزلۈك ئورنىتىش ھەم مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر