باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

باشلىقلار ئۈندىداردا قىزىل بولاق ئالسا بولامدۇ؟

2015.03.04 10:21         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چاغان مەزگىلىدە قىزىل بولاقلارغا ئېرىشكەن دوستلار بۇنى ئاڭلىسا چوقۇم جىددىيلىشىپ قالىدۇ، بىراق سىز ئەنسىرىمەڭ، بۇ يەردە ئېيتىلىۋاتقىنى خاڭجۇ شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، مەمۇرىي تەپتىش ئىدارىسىنىڭ ئۈندىدارىدا ئېلان قىلىنغان «قىزىل بولاق تالىشىش ھەقىقەتەن قىزىقارلىق، بىراق چەكتىن ئاشۇرىۋەتمەسلىك، قىزىل بولاق نامى بىلەن سوۋغات بېرىشتىن ساقلىنىش لازىم» دەپ پارتىيەلىك كادىرلارنى ئەسكەرتكەن «ئۈندىدار قىزىل بولىقى ۋە پارتىيە، ھۆكۈمەت قانۇن-ئىنتىزام بەلگىلىمىلىرى». ئەمەلىيەتتە، 2014-يىلى سىنتەبىردە، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى «ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق ئۈندىدار قىزىل بولىقى، ئېلېكتىرونلۇق سوۋغا كارتىسى بېرىش قاتارلىقلار»نى «تۆت ناتوغرا ئىستىلغا قارشى تۇرۇش»نىڭ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش دائىرىسىگە كىرگۈزگەن. خاڭجۇ شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار ۋە ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرىنى باشقۇرۇش ئوبيېكىتى، مۇلازىمەت ئوبيېكىتى، خۇسۇسىي ئىگىلىكتىكى كارخانا ئىگىلىرى، خىزمەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشكە ئالاقىدار كىشىلەردىن ئۈندىدار قىزىل بولىقى ئېلىش، يۇقىرى-تۆۋەن ئارىسىدا ئۈندىدار قىزىل بولىقى شەكلىدە چاغانلىق سالام يوللاش قاتارلىقلاردىن ساقلىنىشقا ئاگاھلاندۇردى.

  ئۈندىدار قىزىل بولىقى ئەسلىدە كۆڭۈل ئېچىش، بىراق چىرىكلىكنىڭ كىرمەيدىغان تۆشۈكى يوق، كىممۇ كۆڭۈل ئېچىشنى چىرىكلىكنىڭ باھانىسى بولالمايدۇ دەيدۇ؟ يىراقتىكىنى قويۇپ يېقىندىكىنى ئېيتساق، ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى نيې فاكې قاشتېشى ۋە قەدىمىي ئاسارە-ئەتىقىلەرگە قىزىقاتتى، ئاتالمىش «قىزىقىش» چىرىكلىكنىڭ ئۇۋىسى بولۇپ قالسا بولمايدۇ، ئۈندىدار قىزىل بولىقىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى پۇل، بۇ ئاسانلا يېڭىچە چىرىكلىككە ئايلىنالايدۇ. چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش، سەل قارىغىلى بولمايدىغان بىر مەيدان ئۇرۇش.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر