باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئۇزۇنغىچە ھەل قىلىنمىغان نۇرغۇن دېلو ئېنىقلاپ تۈزىتىلدى

2015.03.03 16:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ تۈنۈگۈن ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىن ئۇقۇشىچە، سىياسىي-قانۇن ئورگانلىرىنىڭ ئۇزۇنغىچە ھەل قىلىنمىغان دېلولارنى مەركەزلىك ئېنىقلاش، تۈزىتىش خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىنغان، 2013-يىلى 30-ئاپرېلغىچە، مەملىكەت بويىچە قامالغىنىغا ئۈچ يىلدىن ئېشىپمۇ دېلوسى ھەل قىلىنمىغان ئادەم 4459، بۇلار چېتىشلىق دېلو 1845 بولغان، ھازىر 1766 دېلودىكى 4299 ئادەم ئېنىقلىنىپ، دېلوسى تۈزىتىلگەن بولۇپ، ئومۇمىي ساننىڭ %95.7 ى ۋە %96.4 نى ئىگىلىگەن.

  ئۇزۇنغىچە ھەل قىلماسلىق-جىنايەت گۇماندارلىرى، جاۋابكارلارنىڭ ئەرز ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزۈپلا قالماستىن، بەلكى يەنە سىياسىي-قانۇن ئورگانلىرىنىڭ ئوبرازى ۋە ئاممىۋى ئىشەنچىلىكلىكىمۇ داغ تەگكۈزدى. مەركىزىي سىياسىي-قانۇن كومىتېتى بۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، «ئۇزۇنغىچە ھەل قىلىنمىغان دېلولارنى ئېنىقلاش، تۈزىتىش خىزمىتىنى قانۇن بويىچە ياخشى ئىشلەش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى چىقىرىپ، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىن قانۇننىڭ نازارەت كۈچىنى يەنىمۇ زورايتىپ، دېلو بېجىرىش ئورگانلىرىنىڭ ئۇزۇن ھەل قىلىنمىغان دېلولارنى ئېنىقلىشى، تۈزىتىشىگە ۋاقتىدا ھەيدەكچىلىك قىلىش شۇنداقلا جايلاردىن تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ باش بولۇپ يېتەكلىشىدە ئۇزۇنغىچە ھەل قىلىنمىغان دېلولارنى ئېنىقلاش، تۈزىتىش خىزمىتىنى ئىشلەشنى تەلەپ قىلدى.

  ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى بۇنىڭ ئۈچۈن مەخسۇس ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئېنىقلاش، تۈزىتىش پىرىنسىپى، مەزمۇنى، تەدبىرى ۋە تەلەپلىرىنى ئايدىڭلاشتۇردى. ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى جىنايى ئىشلار دېلولىرىنىڭ ئىجراسىنى تەپتىش قىلىش نازارىتى بۇنى نازارەت قىلىش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالغان فۇنكسىيەلىك تارماق سۈپىتىدە، نازارەت گۇرۇپپىلىرىنى نۇقتىلىق ئۆلكىلەرگە نازارەت قىلىشقا كۆپ قېتىم ئەۋەتىپ، قامالغىنىغا سەككىز يىلدىن ئاشقان جىنايەت گۇماندارلىرى، جاۋابكارلارنىڭ دېلولىرىنى بىر-بىرلەپ بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلدى. جايلاردىكى ھەر دەرىجىلىك تەپتىش ئورگانلىرىمۇ ئۇزۇنغىچە ھەل قىلىنمىغان دېلولارنى ئېنىقلاش، تۈزىتىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ۋە ئىشخانىسى قۇرۇپ، كۈچ، ۋاقىتنى مەركەزلەشتۈرۈپ، تەدبىر، تەلەپلەرنى چىڭىتىپ، مەركەزلىك ئېنىقلاش، تۈزىتىش مەخسۇس خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر قانات يايدۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر