باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن ئاخبارات مەركىزىدە ئىش باشلاندى

2015.02.28 13:17         مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 27-فېۋرال تېلېگراممىسى: 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3-يىغىنى ۋە مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ 12-نۆۋەتلىك 3-يىغىنى ئايرىم ھالدا 5-مارت ۋە 3-مارت بېيجىڭغا ئېچىلىدۇ. ئىككى يېغىن قەدىمىنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، بېيجىڭ غەربىي چاڭئەن كوچىسىنىڭ شىمالىدىكى مېيدىيا مەركىزىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن ئاخبارات مەركىزىدە 27-فېۋرال رەسمىي ئىش باشلاندى.

  مۇخبىرنىڭ ئىككى يىغىن ئاخبارات مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە، ھازىرغىچىلىك 3000 دىن ئارتۇق جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مۇخبىرلىقىغا تىزىملاتقان، بۇنىڭ ئىچىدە مەملىكەت ئىچىدىكى مۇخبىرلار 2000 ئەتراپىدا بولغان، شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن ۋە چەت ئەللىك مۇخبىرلار 1000 دىن ئارتۇققا يەتكەن. ئاخبارات مەركىزىنىڭ ھەر تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرى پۈتكەن بولۇپ، ھازىر ئىككى يىغىن مۇخبىرلىق ئىجازىتىگە ئېرىشكەن جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرىنىڭ مۇخبىرلىق كىنىشكىسى بېجىرىلىۋېتىپتۇ.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن ئاخبارات مەركىزى 2006-يىلىدىن باشلاپ جۇڭگو خەلق قۇرۇلتىيى تورى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش تورىدا تور ئاخبارات مەركىزى قۇرغان بولۇپ، تور ئارقىلىق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى ۋەكىللەر تىزىملىكى، سىياسىي كېڭەشنىڭ ھەر ساھە ھەيئەت ئەزالىرى تىزىملىكىنى تەكشۈرگىلى بولىدىكەن.

  ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق مەسىلىلەرگە قارىتا، ئاخبارات مەركىزى ھەر يىلىدىكى ئىككى يىغىن مەزگىلىدە دائىم 10 نەچچە مەيدان مۇخبىرلار يىغىنى تەشكىللەپ كەلگەن بولۇپ، مۇخبىرلار يىغىنىدا ئالاقىدار تەرەپلەر مەسئۇللىرىنى تەكلىپ قىلغان، ئۇلار مەسىلىلەرگە تولۇق ئىنكاس قايتۇرغان. ئىككى يىغىن ئاخبارات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، مەملىكەت خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى جۇڭ شۆچۈەن: ‹‹بۇ يىل خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنى مۇخبىرلىرى ھەر كۈنى دېگۈدەك بار، ئاساسلىق مىنىستىرلىك-كومىتېتلارنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى ھەممىسى دېگۈدەك ئۇلار بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ›› دېدى.

  ئۇنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ يىل خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىگە ئالاقىدار مەخسۇس مۇخبىرلار يىغىنى ئىككى مەيدان ئېچىلىدىكەن، بىر مەيداندا قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ۋە قانۇن تۇرغۇزۇشقا ئالاقىدار مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلىدىكەن، يەنە بىر مەيداندا ئامما نەزەرىدە بىرقەدەر سىرلىق بولغان مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدىكى مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى مۇخبىرلار يىغىنىغا قاتنىشىدىكەن.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، مۇخبىرلار يىغىنىغا ئالاقىدار كونكرېت ئورۇنلاشتۇرۇش 4-مارتتىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن كېيىن ۋاقتىدا خەلق قۇرۇلتىيى ئاخبارات مەركىزى تور بېتى ۋە ‹‹خەلق قۇرۇلتىيى يىغىنى ئاخبارات مەركىزى›› نىڭ ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىسى ئارقىلىق جۇڭگو ۋە چەت ئەل مۇخبىرلىرىغا ئۇقتۇرۇلىدىكەن.

  بۇنىڭدىن باشقا، جۇڭ شۆچۈەن يەنە مۇنۇلارنى ئاشكارىلىدى، ئاخبارات مەركىزى بۇ يىل تېخىمۇ كۆپ ۋەكىللەر تەكلىپ-تەۋسىيەسىنى داۋاملىق ۋاقتىدا تەمىنلەشنى پىلانلىغان. مۇخبىرلار بۇنى ئاخبارات مەركىزى تور بېتى مۇخبىرلار مۇلازىمەت مەخسۇس رايونىدىن تەكشۈرۈپ چۈشۈرسە بولىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر