باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركەزنىڭ 1–نومۇرلۇق ھۆججىتى ھەققىدە ئون يىللىق ئەسلىمە(3)

2015.02.28 13:12         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2011 – يىلى 29 – يانۋار

  ‹‹ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ سۇچىلىق قۇرۇلۇشى ئىسلاھاتى، تەرەققىياتىنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى قارارى›› ئېلان قىلىندى.

  بۇ يېڭى ئەسىر كىرگەندىن بۇيان، مەركىزىي كومىتېتنىڭ ‹‹يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار››غا ئائىت چىقارغان 8 – قېتىملىق ‹‹1 – نومۇرلۇق ھۆججىتى›› ھەم يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان، مەركىزىي كومىتېتنىڭ ھۆججىتىدە تۇنجى قېتىم سۇچىلىق قۇرۇلۇشى خىزمىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

  2012 – يىلى 1 – فېۋرال

  ‹‹ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىشنى سىجىل كۈچەيتىش، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەشنى كاپالەتلەندۈرۈشنى تېزلىتىش ھەققىدىكى بىرقانچە پىكرى›› ئېلان قىلىندى.

  بۇنىڭدا يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى ئەڭ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇلۇپ، مالىيەدىن ‹‹يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار››غا، دۆلەت مالىيەسىدىن يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارغا ئاجرىتىلىدىغان سېلىنمىنى سىجىل ئاشۇرۇش، ھۆكۈمەتنىڭ يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى سېلىنمىسىدىكى يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك تەتقىقاتى سېلىنمىسىنىڭ يېزا ئىگىلىك قوشۇلما قىممەت سېلىنمىسىدىكى سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  2013 – يىلى 31 – يانۋار

  ‹‹ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ زامانىۋى يېزا ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش، يېزىلارنىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇشقا ئالاقىدار بىرقانچە پىكرى›› ئېلان قىلىندى.

  بۇنىڭدا كەسپىي كوپىراتىپلار، ئائىلىۋى دېھقانچىلىق مەيدانلىرى، دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنى دېھقانلارنىڭ ھۆددە يەرلىرىنى ئوبوروت قىلىشىغا ئىلھاملاندۇرۇش ۋە ئۇنى قوللاش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. يېڭى تىپتىكى يېزا ئىگىلىك تىجارەت سۇبيېكتى بولغان ‹‹ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانى›› دېگەن ئۇقۇم تۇنجى قېتىم مەركەزنىڭ 1 – نومۇرلۇق ھۆججىتىدە كۆرۈلدى.

  2014 – يىلى 19 – يانۋار

  ‹‹ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ يېزا ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى بىرقانچە پىكرى›› ئېلان قىلىندى.

  بۇنىڭدا يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى باھاسىنىڭ شەكىللىنىش مېخانىزمى، يەر تۈزۈمى، يېزا پۇل مۇئامىلىسى قاتارلىق ئۈچ تەرەپلىك ئىسلاھاتى ئىنچىكە پىلانلىنىپ، بازارنىڭ يېزىلارنىڭ تەرەققىياتىدىكى رولى تەكىتلەندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر