باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 42-سانلىق كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى ئېچىلدى

2015.02.28 09:39         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 42-سانلىق كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن بېيجىڭدىكى خەلق سارىيىدا ئېچىلدى، كومىتېت باشلىقى جاڭ دېجاڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسى چياۋ شاۋياڭنىڭ بېرىلگەن ھوقۇق بويىچە گوۋۇيۈەننىڭ داشىڭ رايونى قاتارلىق 33 سىناق ناھىيە شەھەر رايوننىڭ مەمۇرىي رايونلىرىنى ۋاقتىلىق تەڭشەپ يولغا قويۇشقا ئائىت مۇناسىۋەتلىك قانۇن بەلگىلىمە توغرىسىدىكى قارا لايىھەسىنى قاراپ چىقىش نەتىجىسى ھەققىدىكى دوكلاتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى فۇ يىڭنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن تۈركمەنىستاننىڭ دوستلۇق ھەمكارلىق شەرتنامىسى قاتارلىق ئۈچ خەلقئارا شەرتنامىنى قاراپ چىقىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

  يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى قۇشۇمچە باش كاتىپى ۋاڭ چىننىڭ 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنىنىڭ قارالما لايىھەسى، ھەيئەت رىياسىتى ۋە باش كاتىپ ئىسىملىكى لايىھەسى، يىغىنغا سىرتتىن قاتنىشىدىغانلار ئىسىملىكى ھەققىدىكى لايىھەگە قاراپ چىقىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى، ئايرىم ۋەكىللەرنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتى توغرىسىدىكى دوكلاتى ۋە ۋەزىپىگە تەيىنلەش قالدۇرۇش لايىھەسىنى قاراپ چىقىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى قاتارلىقلار ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

  كومىتېت باشلىقى يىغىنىدا يۇقىرىدىكى تەكلىپ ۋە لايىھەلەرنى دائىمىي كومىتېت يىغىنى يەنىمۇ قاراپ چىقىپ تۈزىتىش كىرگۈزگەندىن كېيىن، 43-سانلىق كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىغا سۈنۈپ، 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 13-سانلىق يىغىنىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىدا ئاۋازغا قويۇشىغا سۈنۈش-سۇنماسلىقنى بەلگىلەش قارار قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر