باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تۆت ئومۇميۈزلۈك ئىككى يىغىنغا ئالاھىدىلىك ئاتا قىلدى

2015.02.28 09:36         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۇ يىل مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن بىلەن چاغاننىڭ ۋاقتى يېقىن بولدى. شۇڭا يەتتە كۈنلۈك دەم ئېلىش ئەمدىلا ئاياغلىشىشى بىلەنلا جۇڭگو ئىككى يىغىن مەزگىلىگە كىردى. بۇ يىلقى ئىككى يىغىن نۆۋەت ئالمىشىشقا مۇناسىۋەتلىك بولمىغان ئەنئەنىۋى ئەھمىيەتكە ئىگە ئادەتتىكىدەك يىغىن بولسىمۇ، لېكىن چاغاندىن كېيىنكى تۇنجى خىزمەت كۈنىدە جۇڭگودىكى ئاساسلىق تاراتقۇلار باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان تۆت ئومۇميۈزلۈككە قارىتا چۈشەندۈرۈش مۇزاكىرىسىنى باشلاپ، كېيىنكى ھەپتە ئېچىلىدىغان ئىككى يىغىندىن ئالاھىدە ئۇچۇر بەردى.

  جۇڭگو كومپارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورگان گېزىتى خەلق گېزىتىدە ئۇدا ئوبزورچى ماقالىسى ئېلان قىلىنىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش، پارتىيىنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىن ئىبارەت تۆت ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيىسىنىڭ چوڭقۇر ئەھمىيىتى بايان قىلىندى. بۇ پارتىيىمىزنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش لايىھىسىنى دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىتىشتە يېڭىلىق يارىتىش، ماركسىزم بىلەن جۇڭگونىڭ ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشىنى بىرىكتۈرۈشتىكى يېڭى ھالقىش دەپ ئاتالدى.

  مۇتەخەسسىسلەر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىلقى ئىككى يىغىننىڭ مۇھىملىقى 2015-يىلى تارىخىي تەرەققىياتنىڭ رولى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك. بۇ بىر يىلدا جۇڭگو ئىچكى تاشقى مۇھىت چوڭقۇر ئۆزگىرىپ تۇرۇۋاتقان شارائىتقا يولۇقماقتا. ئىقتىسادنى ئاشۇرۇش،ئىقتىسادنىڭ تىپىدا بۇرۇلۇش ياساش، ئىقتىسادىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش قاتارلىقلار يۇغۇرۇلماقتا؛ قىسقا ، ئوتتۇرا ، ئۇزاق مەزگىللىك مەسىلىلەر گىرەلەشمەكتە. بۇ كۆپلىگەن مەسىلىلەردە بۇ يىل مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىش، ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىش، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈشكە توغرا كېلىدىغانلىقىنى بەلگىلىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر