باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

تور ئەھلى 2015-يىلى يەنىمۇ كۆپ ئۆلكىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن ئىمتىھان سوئالىنى ئىشلىتىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ

2015.02.27 16:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  [خەلق تورى، بېيجىڭ، 26-فېۋرال تېلېگراممىسى] 2015-يىلىدىكى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن ئېچىلىش ھارپىسىدا، خەلق تورى ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان 16 قىزىق نۇقتا مەسىلىسى توغرىسىدا توردا تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى، بۇ خەلق تورىنىڭ ئۇدا 14 يىل ئىككى يىغىن تەكشۈرۈشىنى يولغا قويۇشى ھېسابلىنىدۇ. 25-فېۋرال سائەت 16گىچە، بىر ئايغا يېقىن تەكشۈرۈش 3 مىليون 500 مىڭ كىشىنى جەلىپ قىلدى، بۇلارنىڭ ئىچىدە «مائارىپ ئىسلاھاتى» 110 مىڭ ئاۋاز بىلەن دىققەت قىلىنىش رەت تەرتىپىدە 8-ئورۇندا تۇردى، رەت تەرتىپى بۇلتۇرقىدىن ئانچە پەرقلەنمىدى. «كىرىم تەقسىماتى»، «چىرىكلىككە قاتتىق زەربە بېرىش»، «ئىتقىسادىي يېڭى ھالەت» ئالدىنقى ئۈچ ئورۇندا تۇردى.

  ئاۋاز بېرىشتىن قارىغاندا، تور ئەھلى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مەزگىلىدىكى مائارىپ ئادىلسىزلىقى ئەڭ گەۋدىلىك، ھازىر، رايونلار ئارىسىدىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سانىدىكى پەرق ۋە قوبۇل قىلىش ئىمتىھان نومۇرىدىكى پەرق كەلتۈرۈپ چىقارغان ئادىلسىزلىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ساقلىنىۋاتقان ئەڭ ئېغىر مەسىلە، دەپ قارايدىكەن. تور ئەھلى 2015-يىلىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىغان ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھاتى تەدبىرىدە مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن ئىمتىھان سوئالىنى ئىشلىتىدىغان ئۆلكىلەرنى كۆپەيتىشنى ئەڭ ئارزۇ قىلىدۇ. بۇنىڭدىن تور ئەھلىنىڭ مائارىپ ئىسلاھاتىنىڭ مائارىپ ئادىللىقىغا تۈرتكە بولۇشىنى، مائارىپ ئادىللىقىنىڭ ئۇلارنىڭ ئورتاق ئارزۇسى ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر