باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگو ئىسلاھات ئارقىلىق تېخىمۇ داغدامدا يول ماڭماقتا

− «تۆت ئومۇميۈزلۈك»ماس ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا (3)

2015.02.27 16:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تارىخ ئۆتكەن رىئاللىق، رىئاللىق كەلگۈسىدىكى تارىخ. پارتىيە 11- نۆۋەتلىك مەركىزى كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنى بەلگە قىلغان زور ئىسلاھات- ئېچىۋىتىشتىن ھازىرغىچە 30 يىللىق مۇساپە بېسىپ ئۆتۈلدى؛ ھازىردىن باشلاپ يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىغا 100 يىل بولغىچە قۇدرەتلىك، دېمۇكراتىك، ئىناق سوتسىيالىستىك زامانىۋى دۆلەت بەرپا قىلىش ئۈچۈن يەنە 30 يىل كېتىدۇ. بىز مانا مۇشۇنداق تارىخىي نۇقتىدا تۇرۇۋاتىمىز، قانداق قىلغاندا ئىسلاھات ئارقىلىق جۇڭگو يولىنى كېڭەيتىلى بولىدۇ، قانداق قىلغاندا تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە تەسىر كۆرسەتكىلى بولىدۇ؟

  «ئىسلاھات- ئېچىۋىتىش جۇڭگونىڭ تەقدىرىنى بەلگىلىگەن مۇھىم تەدبىر، شۇنداقلا «ئىككى 100 يىل» كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭگو مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم تەدبىر. شى جىنپىڭ يېڭىلا ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپ بىر ئاي بولمايلا «ئىسلاھات يولىدا ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان» گۇاڭدۇڭدا خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، «ئىسلاھات- ئېچىۋىتىش ئىشلىرىنىڭ توختاپ قالمايدىغانلىقى»جاكارلىدى؛ 18- نۆۋەتلىك مەركىزى كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىدا ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش باش تېما قىلىنىپ، ئىسلاھات يېڭى خەرىتىسى سىزىلىپ، ئىسلاھات يىغىلىش سېگنالى چېلىندى، پارتىيە 18- قۇرۇلتىيدىن بۇيان، شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزى كومىتېتى ئومۇمىيەت ۋە تارىخىي يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىستىراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئسىلاھات نەزەرىيەسى ۋە سىياسەت قاتارلىقلار زور بۆسۈش قىلىپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئىستىراتېگىيەلىك ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈردى. مەسىلەن ئالايلۇق، ئىسلاھات- ئېچىۋىتىش ھازىرقى جۇڭگونىڭ روشەن ئالاھىدىلىكى بولۇپ، تېخىمۇ زور سىياسىي جاسارەت ۋە ئەقىل پاراسەت بىلەن ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇمىيەت قارىشى ۋە سېستىما تەپەككۈرى بىلەن ئىسلاھاتنى پىلانلاش، پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكى ھېسابلىنىدۇ. پارتىيەنىڭ ئىسلاھات ئومۇمىي تەدبىرى يېڭى يۈكسەكلىككە قەدەم قويدى، جۇڭگونىڭ ئىسلاھات- ئېچىۋىتىشى يېڭىچە مەنزىلگە كىردى.

  «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستىراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىدا قاراپ چىقساق، ئىسلاھات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ، شۇنداقلا ئويۇشتۇرۇش كۈچى؛ تەدبىر، يول، شۇنداقلا مەركىزى ئىدىيە. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتتە قۇرۇشتا، ئىسلاھات باشتىن ئاخىر سىڭدۈرىدىغان ئۆزگەرمەس مەنتىقە، شۇنداقلا بۇ ئۇلۇغۋار نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى كونكىرت تارىخىي ئەمەلىيەت. دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشتا، ئىسلاھات تەڭ ئىلگىرىلەۋاتقان كومپانىئون قىسىمى، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى قانۇن ئىدارە قىلىش ئارقىلىق كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشمۇ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا مۇھتاج. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا، ئىسلاھات پارتىيەنىڭ ئۆزىنى پاكلاشتۇرۇش، مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئىسلاھ قىلىش، ئۆز ئۆزىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشىنىڭ تۈپ يولى، پارتىيە رەھبەرلىكى ئىسلاھات، تەرەققىيات نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ تۈپ كاپالىتى. ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرۇلاشتۇرۇشنى «تۆت ئومۇميۈزلۈك»تە ئورنىنى بېكىتىپ، تارىخ ۋە رىئاللىققا قويۇپ ئىگىلىگەندىلا، نېمە ئۈچۈن يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئىسلاھاتتا ھەر ساھەدە بىرلىكتە ئىلگىرىلەش كېرەكلىكى، شۇنداقلا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان قۇدرەتلىك كۈچ ئىكەنلىكىنى چۈشىنىۋالالايمىز.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر