- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى 1- ئايلىق مەملىكەت بويىچە باھاغا ئالاقىدار ئەرز- شىكايەت ئەھۋالىنى ئېلان قىلدى
2015.02.26 13:46 مەنبە: شىنجاڭ رادىيو تورى
دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى تور پونكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى يېقىندا بۇ يىل 1- ئايلىق مەملىكەت بويىچە باھاغا ئالاقىدار ئەرز- شىكايەت ئەھۋالىنى ئېلان قىلغان. سانلىق مەلۇماتلاردىن ئايان بولۇشىچە، باھاغا ئالاقىدار بارلىق ئەرز- شىكايەتلەر ئىچىدە ئالدىنقى 5- گىچە بولغان ئورۇننى ئىگىلىگەن ئەرز- شىكايەتلەر: قاتناش- ترانسپورتقا ئالاقىدار ئەرز- شىكايەت 14 مىڭ 694 پارچە بولۇپ، 29.85 پىرسەنتنى؛ ئۆي- مۈلۈك ۋە خۇجىلىق باشقۇرۇشقا ئالاقىدار ئەرز- شىكايەت 6 مىڭ 474 پارچە بولۇپ، 13.15 پىرسەنتنى؛ تاۋارلارنىڭ پارچە سېتىلىشىغا ئالاقىدار ئەرز- شىكايەت 4 مىڭ 748 پارچە بولۇپ، 9.65 پىرسەنتنى؛ داۋالاش، دورىگەرلىككە ئالاقىدار ئەرز- شىكايەت 3 مىڭ 97 پارچە بولۇپ، 6.29 پىرسەنتنى؛ باشقا مۇلازىمەتكە ئالاقىدار ئەرز- شىكايەت 3 مىڭ 37 پارچە بولۇپ، 6.17 پىرسەنتنى ئىگىلىگەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت
ئالاقىدار خەۋەرلەر