باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئىچكىرى قۇرۇقلۇقتىن شىياڭگاڭغا كېلىدىغان ساياھەتچىلەر %5.8 تۆۋەنلىدى

2015.02.25 14:26         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى قانۇن چىقىرىش كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ياۋ سېرۇڭ تۈنۈگۈن تاراتقۇلارغا: 19-فېۋرالدىن 22-فېۋرالغىچە ئىچكىرى قۇرۇقلۇقتىن شىياڭگاڭغا كېلىدىغان ساياھەتچىلەر %5.8 تۆۋەنلىدى، دېدى.

  شىياڭگاڭ چېگرىدىن كىرىش باشقارمىسىنىڭ ئەڭ يېڭى ماتېرىيالىدىن ئايان بولۇشىچە، 19-فېۋرالدىن 22-فېۋرالغىچە كىشىلەر ئوخشىمىغان چېگرا ئېغىزىدىن بىر مىليون 713مىڭ ئادەم قېتىم شىياڭگاڭغا كىرگەن، ئۇنىڭ ئىچىدە 600مىڭ ئادەم قېتىم ئىچكى قۇرۇقلۇقتىن كەلگەن ساياھەتچىلەركەن.

  بۇنىڭدىن باشقا، 23-فېۋرال يۈز بەرگەن ئىچكى قۇرۇقلۇقنىڭ بىر ساياھەت ئۆمىكىنىڭ ئەزاسىنىڭ شىياڭگاڭدا ساقچىغا مال سېتىۋېلىشقا مەجبۇرلانغانلىقىنى مەلۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى، ئارقىدىن بۇ مۇۋاپىق ھەل قىلىندى. شىياڭگاڭ ساياھەت كېڭىشىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى دۇڭ ياۋجۇڭ ساياھەت كوپراتىپىدىن ئەھۋاللارنى ئىگىلىگەنلىكىنى بىلدۈردى، ئۇ ساياھەت كوپراتىپىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: ساياھەتچى مال سېتىۋېلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىن نارازى بولغان، ماگىزىن بارلىق مال سېتىۋېلىش پۇلىنى ساياھەتچىگە قايتۇرۇپ بەرگەن. ھازىرغىچە ساياھەت كوپراتىپىنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغانلىق ھەققىدىكى ئىسپات يوق.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر