باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول، دۆلەت، ئۆلكە غول تاشيول لىنىيەلىرىدە قاتناش مىقدارى روشەن كۆپەيدى

2015.02.25 14:26         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  چاغانلىق ئۇزۇن دەم ئېلىش قايتىش يۇقىرى دولقۇنىغا كىردى، جايلاردىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول، دۆلەت، ئۆلكە غول تاشيول لىنىيەلىرىدە قاتناش مىقدارى روشەن كۆپەيدى. تۈنۈگۈن كەچ سائەت 17گىچە، مەملىكەت بويىچە تاشيول قاتنىشى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم تەرتىپلىك بولدى، ئېغىر قاتناش قىستاڭچىلىقى كۆرۈلمىدى.

  جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ تۈنۈگۈن كەچتىكى دوكلاتىغا قارىغاندا، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىدە ئوتتۇرھال قار يېغىپ، يول يۈزىدە مۇز تۇتۇپ، خاربىن-مۇدەنجياڭ، خاربىن–تۇڭجياڭ قاتارلىق يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللار تاقىۋېتىلگەن.

  دەم ئېلىشنىڭ ئاخىرىقى ئىككى كۈنى پۈتۈن مەملىكەت چاغاندىن كېيىنكى قايتىش يۇقىرى دولقۇنىنى كۈتۈۋالىدۇ، بولۇپمۇ بېيجىڭ، تىيەنجىن، خېبېي، چاڭجياڭ دېلتىسى، جۇجياڭ دېلتىسى رايونى شۇنداقلا ھەر قايسى ئۆلكە مەركىزى شەھەرلىرى، بىر قەدەر چوڭ شەھەرلەر ئەتراپىدىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللار، ئاساسلىق دۆلەت، ئۆلكە تاشيوللىرى چاغانلىق تىرانسپورت يولۇچىلار يۇقىرى دولقۇنىنى كۈتۈۋالىدۇ. مەركىزى ھاۋارايى ئىستانسىسىنىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، كەلگۈسى نەچچە كۈندە شەرقىي شىمال رايونىدا ئوتتۇرھال ياكى قېلىن قار ياغىدىكەن، جەنۇبتىكى قىسمەن رايونلاردا ئوتتۇرھال يامغۇر ياغىدىكەن، شىمالى جۇڭگو، شەرقى جۇڭگو رايونىدا تۇمان كۆرۈلىدىكەن، بۇ چاغانلىق تىرانسپورت قايتىش دولقۇنى بىلەن قوشۇلۇپ، تاشيول بىخەتەرلىكىگە پايدىسىز تەسىر كۆرسىتىدىكەن. سەپەرگە چىققان ۋە قايتىۋاتقان ساياھەتچىلەر بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر