باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

چاغاندا چېگرا سودىسى قېزىپ كەتتى

2015.02.25 14:25         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گۇاڭشىنىڭ دۇڭشىڭ شەھىرى جۇڭگونىڭ دېڭىز قىرغىقى لىنىيەسىنىڭ ئەڭ غەربىي جەنۇبىدا بولۇپ، ۋىيتنامنىڭ موڭسەي بىلەن قوشنا كېلىدۇ، جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىكى بىردىنبىر دېڭىز قۇرۇقلۇق ئۆز-ئارا تۇتاشقان چېگرا ئېغىزى شەھىرى. دۇڭشىڭ شەھىرىدىكى نۇرغۇن ۋىيتنام تاۋارلىرىنى ساتىدىغان ماگىزىنلار چاغاننىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ تىجارەت باشلىدى. نۇرغۇن سودىگەرلەر مۇنداق دېدى: چاغان مەزگىلىدە، ھەر قايسى جايلاردىكى ساياھەتچىلەر دۇڭشىڭغا ساياھەتكە كېلىدۇ، دۇكاندىكى تاۋارلارنىڭ سېتىلىشى ئادەتتىكىنىڭ ئىككى ھەسسىدىن كۆپرەك بولىدۇ.

  ئالدىنقى ئەسىرىنىڭ 90-يىللىرى ئېلىمىز چېگرا رايوندا شۇ يەردىكى كارخانىلارنىڭ «چېگرا ئاز سوممىلىق سودىسى» شەكلىدە چېگرا ھالقىغان سودا بىلەن شۇغۇللىنىشقا مەدەت بېرىپ، چېگرا بويىدىكى چېگرا ئاھالىلىرىنىڭ چېگرا بازىرىدا مۇۋاپىق تاۋار سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا رۇخسەت قىلدى.

  ھازىر دۇڭشىڭ مەملىكەت بويىچە ئەڭ چوڭ چېگرا رايوندىكى ئاھالىلىرىنىڭ چېگرا بازىرى رايونى، ھەر كۈنى بۇ بازارغا كىلىدىغانلار 10مىڭدىن ئاشىدۇ. چېگرا ئاھالىلىرىنىڭ چېگرا بازىرى سىياسىتى گۇاڭشىنىڭ دۇڭشىڭ بىلەن ۋىيتنامنىڭ موڭسەيدىكى چېگرا ئاھالىلىرىنىڭ قويۇق ئالاقىسغا زور دەرىجىدە تۈرتكە بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر