- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر


مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تورى ماقالە ئېلان قىلىپ، بۇيىل تېخىمۇ كۆپ «چىۋىن» قولغا چۈشىدۇ دېدى
2015.02.15 17:38 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ15-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تورى 15- فېۋرال«يۇقىرى بېسىملىق پارىخورلۇققا قارشى تۇرۇشتا چەكلەنگەن رايون، ئالاھىدە رايون، كۆرۈنمەس رايون بولمايدۇ» دېگەن ماقالىنى ئېلان قىلىپ، مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ بەشىنچى قېتىملىق يىغىننىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدا،«ئامما يېنىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە پارىخورلۇق مەسىلىسىنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىش» ئىنتايىن دىققەتنى قوزغىدى.بۇ «يولۋاس ئۇرۇش»نىڭ سالمىقىنى ساقلاش بىلەن بىرگە «چىۋىن تۇتۇش» نىڭ سالمىقىنى تېخىمۇ ئاشۇرىدۇ،دېدى. 2015- يىلى، يەنىلا قەتئىي ۋە مۇرەككەپ بولغان پارىخورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ ۋەزىيىتىگە قارىتا، مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى بەشىنچى قېتىملىق يىغىنى يەنە « يۇقىرى بېسىملىق ھالەتنى ساقلاپ بوشاشماي، پارىخورلۇق ئەھۋالىنىڭ يامرىشىنى قەتئىي توسۇشىمىز كېرەك» دېگەن قەتئىي ئىرادىسىنى ئېنىق ئىپادىلىدى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئابدۇۋايىت
ئالاقىدار خەۋەرلەر